تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستى: بۇ ھەپتە يامغۇر ياغىدۇ

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چېن): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدە ھاۋا ئىللىپ، تېمپىراتۇرا ئۆرلىدى، بەزى شەھەر ئاھالىلىرى قىسقا يەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ، يازنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى.  بۇ ھەپتە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كۆپ ھۆل-يېغىنلىق مەزگىلىگە كىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھاۋارايى ئىستانسىسى بۇ ھەپتىلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى ئېلان قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا داۋاملىق ئاز مىقدارلىق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇردىن قاتتىق يامغۇرغا ئۆزگىرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، 6 بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن. 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بەزىدە ئوچۇق بولۇپ، لوپنۇر ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران كۆرۈلۈپ، 5 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن. 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، كورلا، لوپنۇر، بۈگۈر، قاراشەھەر ئويمانلىقىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، چاقىلىق، چەرچەندە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، 5 بالدىن 6 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن، لوپنۇرنىڭ جەنۇبىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

  ھاۋارايى ئىستانسىسى تارماقلىرى، يېقىنقى مەزگىلدە جەنۇبىي تاغلىق رايونلار ھۆل-يېغىن كۆپ بولۇش مەزگىلىگە كىرىپ، يامغۇر كۆپ ياغىدىكەن، شۇڭا ئاممىنىڭ كەلكۈن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى