ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۈ نا): ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسى، ئونسۇ تۆمۈر ئورمان باغچىسى، ئاۋات دولان قەبىلىسىگە بېرىشنى ئويلايدىغان ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەشنى خالىمىسا ياكى ئاپتوموبىلى بولمىسا قانداق قىلىشى كېرەك؟ كۆپچىلىك ساياھەت بىۋاسىتە قاتناش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ بۇ ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونىغا بېرىپ قانغۇچە ساياھەت قىلسا بولىدۇ. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ دولان كۈسەن ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ساياھەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە مەنزىرە رايونىغا بېرىشتەك سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىنى كۆپەيتىش، ساياھەتتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» نى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ساياھەت يىغىش-تارقىتىش مەركىزى ئونسۇ تۆمۈر چوڭ جىلغىسى، ئونسۇ تۆمۈر ئورمان باغچىسى، ئاۋات دولان قەبىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت بىۋاسىتە قاتناش ئاپتوموبىلىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدىكەن.
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونى ساياھەت بىۋاسىتە قاتناش ئاپتوموبىلىنى يولغا قويىدۇ
مۇھەررىر :
خالمۇرات غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/04/18 19:48
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.