مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 12:30 ئۆتكەندە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇر كۆك رەڭلىك سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىدىن 17-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ، يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 50~25 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدىكەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا قىسقا مۇددەتلىك كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، مۆلدۈر، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ ئىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن ئىبارەت مېتېئورولوگىيە خەۋپ-خەتىرىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىكەن، ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇر كۆك رەڭلىك سىگنالى تارقاتتى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/04/15 18:50
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.