تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋېنۋۇ): 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، بىر فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى كۈركۈم گۈللىرىنى سۈرەتكە تارتماقتا. يېقىنقى كۈنلەردە، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە تېرىلغان كۈركۈم گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، خۇش پۇرىقى ئەتراپقا تارالدى، چوڭ-كىچىك كوچىلار، مەيدانلاردا ئېچىلغان كۈركۈم گۈللىرى موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.
ئىگىلىنىشىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ياخشى تەبىئىي شارائىتى كۈركۈم گۈلىنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن، كۈركۈم گۈلىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدىكەن.