تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«كۈنلىرىم گۈلدەك ئۆتۈۋاتىدۇ»

مەتنۇر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدىن نەپكە ئېرىشىپ بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى ــــ

«كۈنلىرىم گۈلدەك ئۆتۈۋاتىدۇ»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

  «ئاۋۇ چوڭ گۈل تەشتىكىنى ئالدىغا قويۇڭلار، ئاپتوموبىلغا قاچىلاشقا قولايلىق بولىدۇ... ھەي، ھەي، خۇديېلەننى ئاۋايلاپ يۆتكەڭلار، بولمىسا گۈل بەرگىلىرى تۆكۈلۈپ تۈگەيدۇ...» 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەتىگەندىلا، خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى سەيچى ئاقتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتنۇر جاپپارنىڭ پارنىكىنىڭ ئالدى ئاجايىپ قىزىپ كەتكەنىدى، كەنت ئاھالىلىرى تەشتەك - تەشتەك گۈللەرنى ئاپتوموبىلغا توشۇۋاتاتتى.

  پارنىك ئىچىدە، رۇڭشۇ دەرەخلىرى يوپۇرماق چىقارغانىدى، غۇژمەك ئۆسكەن سەنجياۋمېيلار بەس - بەستە ئېچىلىپ كەتكەنىدى... ئۆزىنىڭ «ئەتىۋارلىقلىرى»نىڭ ياخشى ئاينىغانلىقىنى كۆرۈپ، مەتنۇرنىڭ كۈلكىدىن ئېغىزى يۇمۇلماي قالدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ شاپائىتىدىن بولدى، مېنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىم خۇددى مۇشۇ گۈللەردەك ئۆتۈۋاتىدۇ!»

  بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ سەيچى ئاقتاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەتنۇر ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر زامانىۋى پارنىك ياساپ بەردى، يەنە ئۇنىڭغا 500 مىڭ تۈپ شەھەر كۆكەرتىش گۈل - گىياھ زاكازىنى قولغا كەلتۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.شۇ كۈنى، بىر تۈركۈم زاكازلىق گۈل - گىياھلار توشۇلىدىغان كۈن ئىدى.

  سەيچى ئاقتاش كەنتىنىڭ كۆكتات تېرىش ئەنئەنىسى بار بولسىمۇ، ئەمما يېتەكلەش ۋە پىلانلاش كەمچىل بولغانلىقتىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. مەتنۇر تىرىشچان يىگىت ئىدى، ئائىلىسىدىكى بىرقانچە تەشتەك ئەتىرگۈل، لۈلو ۋە ئالوي ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن ناھايىتى تېزلا نەچچە ئون تەشتەككە كۆپەيدى، ئەتىياز، ياز پەسلى كېلىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ ھويلىسىدا گۈل - گىياھلار ئاينىپ، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە كېلىپ تاماشا قىلىدىغان ۋە كۆچۈرۈپ كېتىدىغان بولدى.

  بۇلارنى كۆرۈپ، مەتنۇر گۈل ئۆستۈرۈپ، گۈل سېتىش ئويىغا كەلدى. ئۇ مەخسۇس گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش بازىسىغا ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە بېرىپ، گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى تەدرىجىي ئىگىلەپ، ئۆيىدىكى بارلىق يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، پارنىك ياساپ گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.

  پارنىك پۈتكەندىن كېيىن، مەتنۇر يەنە يېزىدىكى يېزا ئىگىلىك، تېرىقچىلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگەندى. ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن، مەتنۇرنىڭ گۈل - گىياھلىرى ياخشى ئاينىدى، زاكازلارمۇ ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى. ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتلارغا چىقىپ سېتىشنى كېڭىشىپ، خوتەن شەھىرىدىكى كۆپلىگەن گۈل دۇكانلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مۇقىم سېتىش يولىغا ئىگە بولدى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، مەتنۇر يەنە دائىم گۇاڭجوۋ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ گۈل - گىياھ تۈرلىرىنى تەكشۈردى ھەم جەنۇبنىڭ بەزى ئەتىۋارلىق، قىممەتلىك گۈل - گىياھلىرىنى ئۆزىنىڭ پارنىكىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۆستۈردى، بۇ گۈل - گىياھلار ناھايىتى بازار تاپتى. بۈگۈنكى كۈندە، مەتنۇرنىڭ يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، يەنە كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

  شۇ كۈنى، مۇخبىر مەتنۇر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا، پارنىك ئىچى - سىرتىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەنتتىكى ئاھالىلەر ئىكەنلىكىنى كۆردى. سەيچى ئاقتاش كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى خەن ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەتنۇرنىڭ ھازىر ئالتە پارنىكى بار، پارنىكتا ئىشلەيدىغان 15 ئىشچىنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى نامرات ئاھالە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدۇ، بەزىلىرى گۈل - گىياھ سېتىشنى ئۆگىنىدۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەتنۇرغا ياردەم بېرىپ يۆلىشى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە جاپادىن، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، تىرىشچانلىقىغا، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىغا تايانسىلا، چوقۇم تېزلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن.

  مەتنۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەن ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىن تېخىمۇ كۆپ گۈل - گىياھ سورتىنى كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىمەن. «مەن تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىمنى گۈلدەك گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن!» دېدى مەتنۇر كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى