تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستى رەزىل كۈچلەر شايكىسى جىنايەت دېلوسىدىن بەشىگە ئاشكارا، مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلدى

بىر تۈركۈم سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش تىپىك دېلوسىنى ئېلان قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، باغراش ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى رەزىل كۈچلەر شايكىسى جىنايىتىگە دائىر بەش دېلودىكى چېن لياڭ، ما شىنيۈەن قاتارلىق 81 كىشىگە ئاشكارا، مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلدى ھەم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر تۈركۈم سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش تىپىك دېلوسىنى ئېلان قىلىپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىن ئىبارەت قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتەك چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچنى ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى مۇجەسسەملىدى.

  شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان تىپىك دېلولار ئىچىدە يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، زورلۇق بىلەن قەرز سۈيلەشتەك شايكا جىنايەتلەر؛ قىمارخانا ئېچىش، قانۇنسىز قاماپ قويۇش، يەر ئاستى قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتى بولۇۋېلىپ ئەلئارا ماجىرالارغا قول تىقىش، زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىش، قاقتى - سوقتى قىلىپ مەجبۇرلاپ، قىماردا ئۇتتۇرۇۋەتكەن قەرزنى قايتۇرغۇزۇشتەك شايكا جىنايەتلەر؛ رەزىل كۈچلەردىن پايدىلىنىپ بازار بايلىقىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، سودىدا زورلىغان «بازار زومىگەرلىرى» «گۆش زومىگەرلىرى» بار؛ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، غەرەزلىك جېدەل چىقىرىپ، تىجارەت سورۇنىنى ئۇرۇپ - چاققان، باشقىلارنى ئۇرغان لۈكچەك رەزىل كۈچلەر بار؛ دىنىي كۈچلەردىن، خىزمەت ھوقۇقىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، يېزا - كەنت كادىرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، شۇ جايدا زومىگەرلىك قىلغان، پۇقرالارغا زۇلۇم سېلىپ زىيانكەشلىك قىلغان، كوللېكتىپ بايلىقنى ئىگىلىۋالغان رەزىل كۈچ «كەنت زومىگىرى»مۇ بار.

  قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن، قاتتىق زەربە بېرىپ، قاتتىق قول بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە دائىر 17 دېلودىكى 162 كىشىنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم جىنايىتى ئېغىر قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايەت شايكىلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلرايىنى يەنىمۇ ئۇتتى، جەڭگىۋارلىقنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى، كۈرەش ئىرادىسىنى يەنىمۇ قوزغاتتى.

  بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جاۋ ئەيچۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دېلو بېجىرىش ئورگانلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى؛ قەتئىي قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە دەل جايىدا زەربە بېرىش، ھەقىقىي زەربە بېرىش، زەربە بېرىشتە نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش بىلەن مالىيە مەنبەسىنى ۋە يېڭى قان تولۇقلاشنى ئۈزۈپ تاشلاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، بىر يىلدىن بۇيان جازا ھۆكۈم قىلىنغان قارا، رەزىل كۈچ جىنايەتچىلىرىگە قارىتا يولغا قويغان جەرىمانە، قايتۇرۇۋېلىنغان پۇل، مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلۈك سوممىسى جەمئىي 1 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، 1 مىليون 160 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ۋە باشقا مال - مۈلۈك ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىپ نەقلەشتى؛ سوت قىلىش بىلەن ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، دەۋا يېتەكچىلىكى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئاشكارىلاش، قانۇننى ئىزاھلاپ قائىدە چۈشەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق مەخسۇس كۈرەش خىزمىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، بىر يىلدىن بۇيان، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش تەشۋىقات كۆرگەزمە تاختىسىدىن 76نى ئېلان قىلدى، تۈرلۈك تەشۋىقات قوللانمىسى، تەشۋىقات ۋەرەقىسىدىن 14 مىڭ 70 پارچىنى، سوئال قەغىزىدىن 2058 پارچىنى تارقاتتى؛ ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۇلنى چىڭىتىش بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ چىۋىنگە زەربە بېرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى سوت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى