تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى سۇڭ خۇامىن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى دېيىلىدۇ)دا جەمئىي 2 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 15 نۇقتىلىق تۈردە ئىش باشلاندى، بۇ تۈرلەر ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى «بىر تۈركۈملىرىنى قۇرۇش، بىر تۈركۈملىرىنى پىلانلاش، بىر تۈركۈملىرىنى زاپاس ساقلاش، بىر تۈركۈملىرىنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە، مۇھىم، زور تۈرلەرنى شەكىللەندۈرۈش، يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئامبىرىنى ئۇلاشتۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلەرنى ئۇلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، «تۈرلەرگە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمى» ۋە «نۇقتىلىق تۈرلەرنى بىرلىشىپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى»نى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرلەرنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. بۇ قېتىم ئىش باشلانغان تۈرلەر يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال، بىيو پەن - تېخنىكا، جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ باشلامچى كەسىپ»نى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە «ئاۋىياتسىيە + تەنتەربىيە + ساياھەت» سىستېمىسىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىككە قاراپ كېڭىيىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى.

  سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈرلەرنىڭ تېز قۇرۇلۇشى، سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەسىلىلەرنى تۈگىتىش، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىككى مەخسۇس گۇرۇپپا تەسىس قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش تەرتىپى ۋە تۈگۈن - ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مىقدارلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىش مۇددىتى مەسئۇلىيىتىنى تەتۈرسىگە ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىلىشى، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى