تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىمەن

خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرىنىڭ كادىرى ئەختەرجان ئەركىن

  مەن خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر كىچىك ناھىيە بازىرىدا تۇغۇلدۇم، بوۋام - مومام ۋە ئاتا - ئانامنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ئەزاسى. كىچىكىمدىن تارتىپلا ئۇلار مېنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىدى، بۇ مېنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، ياشلىق باھارىمنى تەقدىم قىلىش ئىرادەمنى ئۇرغۇتتى، شۇڭا مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم.

  2018- يىلى 11- ئايدا، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەن خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئاياغ ئېگىزئېرىق كەنتىگە كېلىپ خىزمەت قىلدىم. خىزمەت جەريانىدا، مەن پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەردە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقانلىقىنى، چېچەكلەپ مېۋە بەرگەنلىكىنى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ناھايىتى تېزلا كوللېكتىپقا سىڭىشىپ كەتتىم ھەم ئاساسىي قاتلام تۇرمۇشىغا تەدرىجىي ماسلىشىپ كەتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىرىنچى قېتىم ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئارزۇ - تەلەپلىرىنى ئىگىلىگەن ۋاقتىمدا، 70 نەچچە ياشلىق بىر بوۋاي قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، ماڭا كەنتتە مۇشۇ يىللاردا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى، بوۋاينىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەنىدى، پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغىنى «كومپارتىيەگە رەھمەت، بىز ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى» دېگەنلەر بولدى. بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مېنىڭ ئەينى چاغدىكى تاللىشىم تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ، ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا قارىغىنىمدا، مەن پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى بولمىسا، بىزنىڭ ھازىرقىدەك بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن چوڭقۇر ئىپتىخارلىنىمەن، پەخىرلىنىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ئاممىنى ئالداپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەر «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغىنىپ، تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول، بىز جەزمەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى ئالدىدا، مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە ئىشلىرىغا ياشلىق باھارىم ۋە ئىسسىق قېنىمنى تەقدىم قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، زور كۈچ بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. مەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى قۇرۇپ چىقىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى