تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

شوخلىنى پىشۇرۇپ يېسە قان بېسىمى ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ

   ئاۋسترالىيە ئادلايد داشۆسىنىڭ «ياۋروپا كىلىماكتېرىيە دەۋرى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، پىشۇرۇلغان شوخلا بىمارلارنىڭ يۇقىرى خولېستېرىن ۋە يۇقىرى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شوخلا قىزىل پىگمېنتى تۆۋەن مىقدارلىق ئۆلچەمدىكى دورىلارغا باراۋەر، ئەمما مۇسكۇللارنى تېلىپ ئاغرىتىش ۋە نېرۋىنى زەخمىلەندۈرۈشتەك ئەكس تەسىرى يوق ئىكەن.

  نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭيى- غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانىسى يۈرەك- ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چيەن چۈنفا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، شوخلا تەركىبىدىكى شوخلا قىزىل پىگمېنتىنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىلگىرى بەزى تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى «بۇزۇلغان خولېستېرىن» سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شوخلىنى خام پېتى يېگەنگە قارىغاندا، پىشۇرۇپ يېگەندە تەركىبىدىكى شوخلا قىزىل پىگمېنتى تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ. ھەر كۈنى 500 گىرام شوخلا يېيىش يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى