تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

[ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش] ئاۋات ناھىيەسىدىكى 1035 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ دەرىجىسى ئۆستى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، جاۋ چاڭفۇ): شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرى قاراتال كەنتىدە، يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى قاتار-قاتار سېلىنغانىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىدە، يېپيېڭى ئۆي جاھازىلىرى، توك بىلەن ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسى ۋە يۈرۈشلۈك تازىلىق ئۆيى ئەسلىھەلىرى بار ئىدى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى سۈن خەيسېن مۇنداق دېدى: 2018-يىلى 6-ئايدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى غورۇچۆل بازىرىدىكى سەككىز كەنتتە «زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشنى دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگە كىرگۈزۈش» خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرىنى يولغا قويدى، ھازىر خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرى جەمئىي 1035 ئائىلىدە تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە 323 بولۇپ، 5130 ئادەم نەپكە ئېرىشتى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى