تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

ئىجادىي تەپەككۈر! مەكتەپ ھويلىسىدىكى قۇدۇق قاپقاقلىرى ئۆزگەردى

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز جۇ شۈچاڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى): يوللاردىكى رەڭگى بىرلا خىل قۇدۇق قاپقاقلىرىنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ، ئۇلارنى باشقىچە ئۆزگەرتىپ بېقىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھويلىسىدا، قۇدۇق قاپقىقى ئۈستىدىكى رەڭدار نەقىشلەر ۋە كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان سۆزلەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇلار قەدىمىنى ئاستىلىتىپ بۇلاردىن ھۇزۇرلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى بۇ مەكتەپنىڭ پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت-سەنئەت ھەپتىلىكى بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش ۋە ئىناق مەكتەپ مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپ «قۇدۇق قاپقىقىنى گۈزەللەشتۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتى، سەنئەت ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى ۋە سەنئەت ئۇيۇشمىسىدىكى تايانچ ئوقۇغۇچىلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان.

  مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئەخلاق تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن چيەنچيەن مۇئەللىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەكتەپ قۇدۇقلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش پائالىيىتىنى لايىھەلەشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدىكەن: بىرىنچى، 12 مۆچەل ۋە جىڭجۈ تىياتىرىدىكى شەخسلەرنىڭ ليەنپۇ رەسىمى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش؛ ئىككىنچى، تاماكا چېكىشنى چەكلەش، زەھەر چەكلەش ھەجۋىي رەسىملىرى ئارقىلىق ئىبرەت تەربىيەسى مەقسىتىگە يېتىش؛ ئۈچىنچى، كارتون ۋە ئىجادىي رەسىم ئارقىلىق ساۋاقداشلارنىڭ بوشاشماسلىق روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى قوزغاش.

  ساۋاقداشلارنىڭ ئىجادىيىتى يېڭىلىق ۋە سەنئەت پۇرىقىغا تولغان بولۇپ، قۇدۇق قاپقىقىنى ئۆزگەرتىش، مەكتەپ ئىچىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرە  بولۇپ قالغان.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇيەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش