شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئامېرىكا تېننېسسى داشۆسى نوكسۋىل مەكتەپ رايونىدىكى تەتقىقاتچىلار 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، كۈلۈمسىرەشنىڭ بىر خىل چىراي ئىپادىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلالايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئايلىق ژۇرنال «پىسخولوگىيە ئاخباراتى»نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
كۈلۈمسىرەش ئادەمنى تېخىمۇ خۇشال قىلالامدۇ-يوق دېگەن مەسىلىنى پىسخولوگلار بۇرۇندىن تالاش-تارتىش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. تېبابەت تېز خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تەتقىقات تۈرىنىڭ باشلامچىسى نىكولاس كولىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا چىراي ئىپادىسىنىڭ پىسخىكىلىق كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار تېپىلمىدى، لېكىن بىز ھەرقانداق تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىگىلا ئېتىبار بەرسەك بولمايدۇ. پىسخولوگلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان ئىزچىل بۇ نۇقتىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرمەكچى.
تەتقىقاتچىلار «يىغىپ تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى»نى قوللىنىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى 138 تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئومۇملاشتۇرغان، بۇ 11 مىڭدىن كۆپ قاتناشقۇچىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار چىراي ئىپادىسىنىڭ كەيپىياتقا نىسبەتەن ھەقىقەتەن «كىچىككىنە تەسىر»ى بارلىقىنى، مەسىلەن، كۈلۈمسىرەشنىڭ ئادەمنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغانلىقىنى، ھومىيىشنىڭ ئادەمنى تېخىمۇ خاپا قىلىدىغانلىقىنى، قوشۇما تۈرۈشنىڭ ئادەمنى تېخىمۇ ئازابلايدىغانلىقىنى بايقىغان.