ئۆز خەۋىرىمىز: 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 19:20 ئۆتكەندە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى تەۋەسىدە 4.3 بال يەر تەۋرىدى. تەۋرەش مەركىزى توغرا كېلىدىغان ئورۇن شىمالىي كەڭلىك 44.32 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.11 گىرادۇس بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى 16 كىلومېتىر، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ قورغاس ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 35 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەش، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلىرى ۋە شۇ جاي تېزدىن كۈچ تەشكىللەپ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.