تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، لى رۈي، ۋاڭ چىمىڭ، جاڭ ۋەندې

4- ئاينىڭ 11- كۈنى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ مىڭيىن (سولدىن 1- كىشى) بىلەن مەمەت ھاپىز (ئوڭدىن 2- كىشى) ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۆزئارا ياردەملەشمەكتە، ئەمگەك ئارىلىقىدا مۇڭداشماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى)

  4- ئايدىكى كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە، گىرەلىشىپ ئۆسكەن تېرەك، سۆگەت بىلەن غۇژمەك ئېچىلغان نەشپۈت چېچەكلىرى بىر - بىرىگە ماسلاشقان، قاتار - قاتار يېڭى ئۆيلەر بىلەن دۇكانلار بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەنىدى.

  يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە تۆت ئەۋلاد كىشىلەر ياشىدى. ۋاقىت پويىزى ھەربىر ئەۋلاد كىشىنى ئېلىپ بىر - بىرلەپ ئابىدە قالدۇرۇپ ماڭدى.

   بىر تۈپ دەرەختىن بىر كەنتكىچە

  نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى ئەسلىدە «موما تېرەك كەنتى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ئىككى يىلدا، جېجياڭ نىڭبونىڭ خالىس نىشانلىق ياردىمىگە ئېرىشكەچكە، ئىسمى «نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى»گە ئۆزگەرتىلدى.

  موما تېرەك «بىر تۈپ دەرەخ» دېگەن مەنىدە. 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى 66 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەمەت ھاپىز مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، يېقىن ئەتراپتىكى بىرقانچە دېھقان ئائىلىسى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندە، چۆللۈكتىكى ئېگىز - پەس چوقچىيىپ تۇرغان قۇم بارخانىلىرى ئارىسىدا، پەقەت نەچچە تۈپلا ئاق تېرەك بار ئىدى.

  1961- يىلى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن تۆمۈريول ئىشچىلىرى دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، كەنتتىكى تۇنجى ئەۋلاد كىشىلەر بولۇپ قالغان. ئەينى چاغدا، كەنت ئاھالىسى ۋاڭ مىڭيىننىڭ دادىسى ۋاڭ جىنيۈ قاتارلىق 100دىن ئارتۇق كىشى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، بۇ جايغا كېلىپ بوز يەر ئېچىپ يەر تېرىغان. ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان كەنت ئاھالىلىرى كەتمەنلىرىنى ئوينىتىپ، يەرلەرنى تۈزلەپ، چوڭ ئۆستەڭ چېپىپ، سۇ باشلاپ شور چىقارغان.

  مەمەتنىڭ ئېنىق ئېسىدە قېلىشىچە، ئۇ ۋە كىچىك ۋاقتىدىكى دوستى ۋاڭ مىڭيىن قاتارلىقلار باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سېۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ ئىشلىگەن ئىكەن.

  «ئەينى چاغدا، چوڭلار كۈنىگە يەتتە - سەككىز نومۇرغا ئىشلەيتتى، بىز كۈنىگە ئۈچ يېرىم نومۇرغا ئىشلەيتتۇق» چاچلىرى ئاقارغان ۋاڭ مىڭيىن دائىم مەمەت بىلەن ئۆتكەن ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشاتتى.

  1982- يىلى، سۈن چېڭجۇڭنىڭ يۇرتى گەنسۇ يۇڭچاڭدىكى چوڭ ئاكىسى ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ سۈن چېڭجۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ كەلگەن. چوڭ ئاكىسى قۇملۇقنىڭ چېتىدە يەر تېرىشنىڭ ئىنتايىن جاپالىقلىقىنى، ئاشلىق تېرىسا ھوسۇلىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرۈپ، سۈن چېڭجۇڭنى يۇرتىغا قايتىپ يەر تېرىشقا دەۋەت قىلغان، سۈن چېڭجۇڭ قوشۇلمىغان.

  تۆت يىلدىن كېيىن، سۈن چېڭجۇڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە چىلان ساتقىلى بېرىپ يۇرتىدىن ئۆتكەن. چوڭ ئاكىسى سۈن چېڭجۇڭنىڭ كېۋەز تېرىش ۋە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق كەنتتە ھەممىدىن ئاۋۋال تېلېۋىزور ۋە ۋېلىسىپىت سېتىۋالغانلىقىنى، كەنتتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىنى قايتا ياسىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، سۈن چېڭجۇڭنىڭ ئەينى چاغدىكى تاللىشىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

   «نامرات كەنت»تىن «ئۈلگىلىك كەنت»كىچە

  3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئۈلگىلىك كەنت»، بەختكە تولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەنتى»... بۈگۈنكى كۈندە، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ بارغانسېرى داڭقى چىقتى، ئېرىشكەن شان - شەرىپى بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنت ئاھالىلىرى ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىدىغان بولدى.

  نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جىباۋ سۈن چېڭجۇڭنىڭ ئوغلى بولۇپ، كەنتتىكى 3- ئەۋلاد كىشى. ئۇ 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، نامراتلىق بىلەن بايلىقنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تەمىنى تېتىغان.

  «1985- يىلى، كەنتتە توك يوق ئىدى، دادام گېنېراتور سېتىۋېلىپ، ياغاچ ئىستولبا تىكلىگەن، قوشنىلار توك پۇلىنى تەڭ تۆلىگەن» دېدى سۈن جىباۋ ئەسلەپ. ئۇلار تېلېۋىزور سېتىۋالغاندىن كېيىن، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ كۆرىدىغان، ئۆي ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولىدىغان بولغان.

  «1986- يىلى، ھەممە ئائىلىلەر باسما قۇدۇق ئورناتتى. بىزنىڭ دادىمىزغا ئەگىشىپ كۆلگە سۇ ئالغىلى بېرىشىمىزنىڭ، قارا قىشتا مۇز ئېلىپ كېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى» دېدى كەنتتىكى 3- ئەۋلاد كىشى سۇۋۇر مەمەت.

  3- ئەۋلاد كىشىلەر ئەمدى بىرنەچچە يىل ئوقۇپلا ئۆيىگە قايتىپ ئەمگەك قىلمايدىغان بولدى، ئۇلار كەنتتە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 12 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىمەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىغان بولدى.

  1997- يىلى، كەنتتە توك يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى ھەم سۇ تۇرۇبىسى ئورنىتىلدى. 1- ئەۋلاد كىشى ليۇ شۇشيەن بىر قىسىم ياشلارنىڭ موتوسىكلىت مىنىپ بازارغا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز يېڭى كەلگەندە ئات ھارۋىسىمۇ يوق ئىدى، توپا يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، چىمەن بازىرىدىن نەچچە سائەت مېڭىپ ئاندىن بۇ يەرگە كېلەلەيتتۇق».

  سۈن جىباۋ داشۆدە ياپون تىلى ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن تيەنجىن شەھىرىدىكى بىر خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. 2008- يىلى، ئۇ ئىشلىرى تازا روناق تاپقاندا، قەتئىيلىك بىلەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ كەنتكە قايتىپ كەلگەن.

  «دادام ماڭا تېلېفون قىلىپ، يۇرتداشلارنى چىلان ئۆستۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ياردەمچى كەملىكىنى ئېيتتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، يۇرتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە ئۆزگىرىش بولدى، مەن كەنتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ناچار ئەمەس، دەپ قارايمەن» دېدى سۈن جىباۋ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇۋۇر قاتارلىق بىر قىسىم ياشلار سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى، نۇرغۇن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى يۇرتىدا يەر تېرىپ قىلغان كىرىمىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. بىراق سۈن جىباۋ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ تاللىشىغا پۇشايمان قىلىپ باقمىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇلدى، دېھقانلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلار ئېرىشىدىغان ئەمەلىي نەپ بارغانسېرى كۆپەيدى. كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى «سەركە»لىككە سايلىدى، ئۇ كۆپچىلىكنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، كارامىتىنى كۆرسەتتى.

   ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»قىچە

  نوقۇل ئاشلىقلا تېرىشتىن كېۋەز تېرىش، مېۋىلىك كۆچەت تىكىشكىچە؛ تارقاق باقمىچىلىقتىن باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقىچە؛ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشتىن كەنتتە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقىچە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە كۈنسايىن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  ۋاڭ مىڭيىن بىلەن مەمەتنىڭ شېرىكلىشىپ ئىشلەۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولدى، ئۇ مەمەتنى ماختاپ مۇنداق دېدى: «مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگىچە كۆتۈرە بەرگەندىن كېيىن، سىز مەندىن كېۋەز تېرىشنى ئۆگەنگەنىدىڭىز. كېيىن سىز كېۋەزنى مەندىنمۇ ياخشى تېرىيدىغان بولۇپ كەتتىڭىز، كالىنىمۇ ياخشى باقىسىز!»

  «بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى!» دېدى مەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ.

  مەمەت ئۈستىگە «نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان قېنىق كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغانىدى، بۇ، كەنتتىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ سالاھىيەت بەلگىسى. بۇلتۇردىن بۇيان، نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ كەنتكە 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە كارخانا، خاس باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇش، 100 مو يەردە قوغۇن - تاۋۇز تېرىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى باشلىدى.

  كەنت ئاھالىسى مامۇت ئىدرىس يىراق - يېقىندا داڭقى چىققان باقمىچىلىق ماھىرى، 2017- يىلى، ئۇنىڭ ئائىلىسى 30 تۇياق كالا باققانىدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىدى.

  نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە، كەنت خاس باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىدى، مامۇت باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالدى. ھازىر، كەنتتە ئىككى باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار.

  بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى 31 نامرات ئائىلىنى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، پۈتۈن كەنتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ 900 يۈەن بولدى، بۇ يىل 12 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ۋاڭ مىڭيىن ۋە مەمەتنىڭ نەچچىدىن نەۋرىسى بار، ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن بىرلىكتە بالىلىرىغا ياردەملىشىپ نەۋرىلىرىنى باقىدۇ، يەسلىگە بىللە ئاپىرىپ - ئەكىلىدۇ. بۇ بالىلار كەنتتىكى 4- ئەۋلاد ھېسابلىنىدۇ.

  مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە، ۋاڭ مىڭيىن بىلەن مەمەت ئۆيگە قايتقان نەۋرىلىرىگە مۇنداق دەپ تاپىلايدۇ: ھازىرقىلارنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقىلارنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نى ياخشى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى