تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل مەنىۋى ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش

چاقىلىق يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

گۈزەل مەنىۋى ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

  چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت - ئەخلاق زالىغا كىرگىنىمدە، 2- قەۋەتتىكى كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، تۇرمۇش قاتارلىقلارغا ئائىت تۈرلۈك كىتابلار تىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇۋاتاتتى.

  كەنت ئاھالىسى تۇردىخان غوپۇر بۇ يەرنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، بوش ۋاقتى بولسىلا بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ، «ئىلگىرى كىتاب ئوقۇيدىغان ئورۇن يوق ئىدى، بۇ كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە كىتاب ئوقۇپ، گېزىت كۆرۈپ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ» دېدى تۇردىخان.

  غولئۆستەڭ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت - ئەخلاق زالى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ ئىخچام بىر كارتىنىسى. چاقىلىق ناھىيەسى ناھىيە، يېزا - بازارلار، كەنت (مەھەللە)لەرنى قاپلىغان يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى ئۇنىۋېرسال تورى بەرپا قىلىپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىنى يېتەكلەشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل مەنىۋى ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلدى. ھازىر ناھىيە بويىچە 134 يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتى (ئورنى) قۇرۇلدى، شەھەر، يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كۈنسېرى جانلىنىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلاندى.

ئاممىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى نۇرلاندۇرۇش

  3- ئاينىڭ 26- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت - ئەخلاق زالى ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئادەملەرگە لىق تولغانىدى. ھەر ئايدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇلىدىغان مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. مەدەنىيەت - ئەخلاق زالىدا سۈرەت ۋە يېزىق شەكلى ئارقىلىق ئۈلگىنىڭ كۈچى، ئەتراپتىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ۋە بەختلىك يېزا - كەنتلەردىكى ياخشى كۈنلەر نامايان قىلىنغانىدى.

  زالنىڭ تېمىغا «كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى» ۋە كەنتتىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، بېيىش ماھىرلىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى، يەنە تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى چاپلانغانىدى. «بۇ، كەنتتىكى مۇزېي، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىمىز مېھمان بولۇپ كەلسە، مەن ئۇلارنى باشلاپ كېلىپ بۇ يەرنى كۆرسىتىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى ماھىنۇر ئالىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

  تىكەنلىك بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى روشەنگۈل تۇرداخۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2015- يىلى 3- ئايدا، غولئۆستەڭ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت - ئەخلاق زالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى كەنت ۋە مەھەللىلەردىكى كادىرلار، ئامما دائىم بۇ يەرگە كېلىپ مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ، ھازىرغا قەدەر 50 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، غولئۆستەڭ كەنتىگە ئوخشاش يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتى (ئورنى)دىن چاقىلىق ناھىيەسىدە جەمئىي 134ى بار ئىكەن، ھازىر ھەممىسىگە ۋىۋىسكا ئېسىلىپتۇ ھەم پائالىيەت قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىدىن بىرى، يېزا - بازار دەرىجىلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنىدىن سەككىزى، كەنت(مەھەللە) دەرىجىلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىدىن 26سى بار ئىكەن، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ھەرقايسى ئورۇنلار ھەم ھەرقايسى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتلىرىدا يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش زالى (پونكىتى)دىن 99ى قۇرۇلۇپتۇ.

  چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى خەن جىچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش» پىرىنسىپى بويىچە، چاقىلىق ناھىيەسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل 1- ئايدا، چاقىلىق ناھىيەلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى مەركەزنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولدى. «چاقىلىق ناھىيەسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزىنىڭ بازىلىق رولى، كۈچنى مۇجەسسەملەش رولى، تارقىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئۆگىنىش، تارقىتىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما قەيەردە بولسا، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزدى» دېدى خەن جىچياڭ.

مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئورتاق قاتنىشىش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى» «پىدائىيلار ئىشلىرى <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانى بىلەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك.» چاقىلىق ناھىيەسىدىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش سۇپىسىنىڭ پىدائىيلىرى جانلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كونكرېت خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى.

  بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن خالىدە ئۇرايىم چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، شۇنداقلا كەنتتىكى داڭلىق «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش باشلامچىسى».

  «ھازىر ھاۋا ئىللىشقا باشلىدى، چىلان دەرەخلىرىنى چاتاش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇھىم مەزگىلى كەلدى، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا چىلان دەرەخلىرىگە ھاك - گۈڭگۈرت ئارىلاشمىسى چاچساق، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق...» مۇشۇ ئىككى كۈندە، خالىدە سەھەردىلا چىلانلىققا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە چىلان دەرەخلىرىنى چاتاش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق بىلىملەرنى سۆزلەپ بەردى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسەتتى.

  «ئۆزىلا بېيىش بېيىغانلىق بولمايدۇ، كۆپچىلىكنى بىللە بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك» دېگەن ئوي بىلەن، خالىدە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بىرلىكتە بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى زور كۈچ بىلەن يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پىدائىيلار مۇلازىمەت سېپىگە قوشۇلۇشقا جەلپ قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مەدەنىيلىك تارقىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. ھازىر چاقىلىق ناھىيەسى سەھىيە، ساغلاملىق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى، چىلان باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىق 134 مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنى تەشكىللىدى، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان پىدائىيلار 800دىن ئاشتى، قانات يايدۇرغان تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتى جەمئىي 720 مەيدان قېتىمدىن ئېشىپ، 45 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نەپكە ئېرىشتى.

  يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى تارقىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەھەتتە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيى، ئەخلاق چوڭ دەرسخانىسى، كەنت تارىخى سارىيى قاتارلىق مەيدان - سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تارقاتتى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقاتتى، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى. جەمئىي 800 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق نەزەرىيە لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا 130 مىڭ ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزدى.

«ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇش

  «مەن نۇرغۇن جايلارغا باردىم، ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ ئىكەن...» لەرزان ناخشا ساداسى تىكەنلىك بازىرى تۆگەتوقلىق كەنتىدىكى يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسىدىن تارىلىۋاتاتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى ئورۇنلاپ، ئۆزلىرى كۆرۈپ، سەھنىدىكىلەر بىلەن تۆۋەندىكىلەر ھەمتۈرتكە بولۇپ، كەنتنى قايناق مەنزىرىگە چۆمدۈرگەنىدى.

  «ئىلگىرى مەيدان بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى بىر - بىرىنىڭ ئۆيلىرىدە پاراڭلىشىپ، قارتا ئوينايتتى، ياكى بولمىسا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرەتتى.» تۆگەتوقلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇختەر ئالىمنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئەسلىدە كەنتتە ھېچقانداق مەدەنىيەت پائالىيىتى يوق ئىدى، پۈتۈن كەنتنىڭمۇ ھاياتىي كۈچى يوق ئىدى. 2014- يىلى كەنت تاشلاندۇق ھويلىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسى ياسىدى.

  «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشتە، يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە يېڭى ئىدىيە، يېڭى سىياسەت، يېڭى تېخنىكىنى كەنت ئاھالىسىگە يەتكۈزدۇق» دېدى مۇختەر ئالىم مۇخبىرغا.

  كەنت ئاھالىسى لى جۈنگو يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسىدىكى «داڭلىق شەخس»، ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان كۈەيبەن قوشىقى ھەمىشە پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدىغان نومۇر ئىدى، ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى يېزا - كەنتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزەتتى. «مەن ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۈەيبەن تېكىستىگە كىرگۈزۈپ، يۇرتۇمنىڭ شېۋىسىدە ئېيتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايمەن، ئۇلارمۇ ئېسىدە تېخىمۇ ئېنىق ساقلىۋالىدۇ» دېدى لى جۈنگو.

  ھازىرغا قەدەر، چاقىلىق ناھىيەسىدە 29 يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسى ياسالدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساپاسى ئۆسۈپلا قالماي، يەنە كەنت كەيپىياتى، كەنت قىياپىتىمۇ ياخشىلىنىپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان مەدەنىيەت مۇھىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەرپا قىلىندى.

  «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ئاممىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تارقىتىش، ياخشى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش سورۇنى ۋە ۋاسىتىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى <ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>نى تۇتاشتۇردى. ئاممىنىڭ تەربىيە ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى يېڭى دەۋر، يېڭى ئىدىيەنىڭ مېغىزلىق مەزمۇنى ۋە ئېتىقاد ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە كۈچەشكە قوزغاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردۇق» دېدى خەن جىچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى