تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ

شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى يىنخې ئاكسىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى جۇڭگو يىنخې ئاكسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ شىنجاڭنىڭ رايون كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كاپىتال بازىرىغا ئۇدۇللىشىشىنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كىچىكلىكتىن كۆلەملىشىشكە ئۆرلەش − كۆلەملىشىشتىن پاي تۈزۈمىگە ئۆزگىرىش − پاي تۈزۈمىدىن پاينى بازارغا سېلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ بايلىق جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىنخې ئاكسىيەسىنىڭ ئىختىساسلىقلار، كەسىپ، خېرىدارلار مەنبەسى، شۆبە - تارماق يوللىرى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنىڭ شىنجاڭ پاي ھوقۇقى بازىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى ۋىۋىسكا ئېسىپ تونۇشتۇرۇش، پېيىنى بازارغا سېلىپ يېتىشتۈرۈش، مۇلازىمەت بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى تەمىنلىگەن تەرەققىيات مەدىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

  تەھلىلچى زاتلار مۇنداق كۆرسەتتى: يىنخې ئاكسىيەسىنىڭ كەسپىي كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ كاپىتال بازىرى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشى شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا «رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى − يېڭى ئۈچ بۆلەك − شاڭخەي - شېنجېن سودا بازىرىدا پېيىنى بازارغا سېلىش»تەك بىر بېكەتلىك كاپىتال بازىرى مۇلازىمەت يولىنى يەنىمۇ تۇتاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

  ئىگىلىنىشىچە، يىنخې ئاكسىيەسى جۇڭگو ئاكسىيە كەسپىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇپ، شىركەتنىڭ كاپىتال كۆلىمى، پايدا سەۋىيەسى، كەسىپ ئەمەلىي كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزچىل كەسىپ بويىچە 1- قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن. شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزى شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق تىجارەت ئاپپاراتى، بۇ يىل 3- ئايغىچە، بۇ مەركەزدە ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانا 698گە يېتىپ، ھەرقايسى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا جەمئىي 5 مىليارد 327 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى