تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چاغانچۈ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپايدى

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كۆكتات كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشتى

چاغانچۈ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپايدى

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى گۇڭ يۇڭ، يەن فاڭ

  پارنىك كۆكتاتلىرى «يېڭى» پېتى بەس - بەستە بازارغا سېلىندى، كۆكتات توپ سېتىش سودىگەرلىرى پارنىكتا كۆكتات سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كۆكتات توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يېڭى ياسالغان كەنت يوللىرىدا توختىماي قاتنىدى... 4- ئاي كىرىشى بىلەن، بۇنداق مەنزىرە ھەر كۈنى دېگۈدەك يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۇخاۋچۈ يېزىسى چاغانچۈ كەنتىدە نامايان بولدى، كۆكتات پارنىكلىرىغا كىرسىڭىز، ھەر خىل ياپيېشىل كۆكتاتلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، خۇش ھىدى دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ.

  4- ئاينىڭ 8- كۈنى، چاغانچۈ كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقان چېڭ جيەنفاڭنىڭ پارنىكىدا ياپيېشىل چىڭسەيلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇش قىلاتتى، چېڭ جيەنفاڭ چىڭسەينىڭ 3- قېتىملىق ھوسۇلىنى يىغىۋاتقانىدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كۆپچىلىكنى كۆكتات تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى، ھازىر بىزنىڭ كەنت كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىغا ئايلاندى، كەنتتىكى كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى باھادا ساتالايمىز، ئائىلىمىز بەش پارنىكتا تېرىغان چىڭسەيدىن يىلىغا 80- 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز».

  چاغانچۈ كەنتى يەنجى ناھىيە بازىرىنىڭ سەككىز كىلومېتىر شەرقىدە، ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى پەمىدۇر، پىگمېنت لازىسى، قىزىلچا ۋە پارنىك مايسىلىرىنى تېرىشنى ئاساس قىلاتتى، پايدىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. يەنجى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى، تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ چاغانچۈ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالغا قارىتا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، قىسمەن كەنت ئاھالىسىنى پەسىللىك كۆكتات تېرىشقا يېتەكلىدى.

  «چاغانچۈ كەنتىدە ئىلگىرى پارنىكلارنىڭ كۆپىنچىسى توپا - تاش قۇرۇلمىلىق بولۇپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات كەسپىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى غالىب ئايۇپ.

  «كۆك - تاق»نىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، چاغانچۈ كەنتىنى «كۆكتات كەنتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسىدا پارنىك بولۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئون ئائىلىنى ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى قىلىپ بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھويلا - ئارانلاردىكى خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى چېقىۋېتىپ، كۆكتات تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتتى.

  خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى خېلىل ھاشىمنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى پىلانلاپ ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى، ئۇنىڭ ھويلا - ئارانلىرى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرىپ، تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىغا تەرتىپلىك ئايرىلدى. ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئېلىپ، بەس - بەستە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى پىلانلاپ ئۆزگەرتىپ، ھويلا - ئاران تېرىقچىلىقى ۋە باقمىچىلىقىنى قانات يايدۇردى.

  خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن كەنتتىكى 120 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى ئۆزلىرى مەبلەغ توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پارنىكنى پولات جازا قۇرۇلمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىپ سېلىپ، پارنىكتىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. «ئەسلىدە ئائىلىمىزنىڭ پارنىكىنىڭ ھەممىسى كېسەكتىن سېلىنغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى چوڭ، ئىقتىسادىي كىرىمىمىز يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ھازىر پولات جازا قۇرۇلمىلىق پارنىكقا ئۆزگەرتىپ سېلىپ، ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىۋاتىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى لى مىڭشىڭ.

  پەقەت پارنىك ۋە تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىش يولى بولسا ئاندىن ئىشەنچلىك بولىدۇ. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن كۆكتات سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تۈزۈم جەھەتتىن، باشقۇرۇش جەھەتتىن قېلىپلاشتۇردى، يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، 50 كۆكتات تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىنى تاللاپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگۈزدى، كۆكتات كەسپى بويىچە بەش ۋاسىتىچىنى يېتىشتۈردى، بازار ئېڭى بىرقەدەر كۈچلۈك، تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقى يۇقىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشىغا ئىلھام بەردى ۋە ئۇلارنى يۆلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكتات تېرىقچىلىق سورتىنى كۆپەيتىپ، پەسىلسىز ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات تېرىلىدىغان 500 مو كۆلەملەشكەن ئۆلچەملىك باغچە شەكىللىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، زىيانسىز كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى.

  2018- يىلى، خىزمەت ئەترىتى كەنتتە يېڭىدىن كۆكتات سودا بازىرى قۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 249 پارنىكنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى 1000 مو يەرگە قۇرۇقلۇق كۆكتاتلىرىنى تېرىشقا يېتەكلىدى ھەم ئۈندىدار سېتىش سۇپىسى قۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مو بېشى كىرىمىنىڭ 5000 يۈەندىن ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى يەنە شۇ جايدىكى سودىگەرلەر بىلەن ئۈرۈمچى، خېنەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى كۆكتات سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ئارىسىدا ئالاقە ئورنىتىش ئارقىلىق، زاكازلىق تېرىقچىلىق ئېلىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلدى.

  باش ئەتىيازدىن بۇيان، چاغانچۈ كەنتىدە يەنە كۆكتات كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پارنىكلارغا كىرىپ، كۆكتاتچى دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇق سالدى، مايسا يېتىشتۈردى، كۆچۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تەتقىق قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ، 100 كىشىلىك ئەمگەك مۇلازىمىتى كىرىم يارىتىش ئەترىتى قۇرۇپ، كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش ئەترىتى قۇرۇپ، ئارىلىقتىكى ھالقىلارنى قىسقارتىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېڭى كۆكتاتلارنى ناھىيە بازىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر ھەم پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى