تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قىزىلسۇ، قەشقەر، ئاقسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 4- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاقچى ناھىيەسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە بېرىپ، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى كۈچلۈك ئىنتىزام ۋە ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنداق كۆرسەتتى: نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە مەسئۇلىيەت ئورنىنى توغرا تېپىش كېرەك.

  نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش مەزگىلىدە، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى نامراتلارنى يۆلەيدىغان كارخانىلار، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى، ئېغىر نامرات كەنتلەر ۋە نامرات ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى ۋە نامرات ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم يېزا - بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە ئىشخانىلىرىغا بېرىپ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن ئەترەت باشلاپ نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى