تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە چەك قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ 2019 شىنجاڭ نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبوروت كەسپى يىللىق يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە چەك قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنى يەنىمۇ قولايلاشتۇرغان.

  نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە چەك قويۇش قىسمەن رايونلارنىڭ مۇھىت ئۆلچىمىگە چەك قويۇش، يىلىغا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باشقا جايلارنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىللىرىنىڭ شۇ يەردىكى بازارلارغا كۆپلەپ كىرىشىدىن ساقلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

  نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە چەك قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە چەك قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، «نىمكەش ئاپتوموبىل قولايلىق سودىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى چىقاردى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە چەك قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  «نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا دۆلەت شاللىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىل (دۆلەتنىڭ 1- باسقۇچلۇق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان بېنزىن ئاپتوموبىلى ۋە دۆلەتنىڭ 3- باسقۇچلۇق بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان دىزېل ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ)لاردىن باشقا، ئومۇمەن دۆلەتنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، مۇھىت ئاسراشنى قەرەللىك تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى ۋە يىللىق تەكشۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىچىدىكى نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ بىردەك كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە بولىدىغانلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ۋۇ مىن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بېسىپ تارقاتقان «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» كۆچۈپ كىرىشكە چەك قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نىمكەش ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىياسەت كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  «بىز بۇلتۇر نىمكەش ئاپتوموبىلدىن 46 مىڭنى ساتتۇق، سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 990 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە %30كە يېقىنىنى باشقا جايدىكى ئىستېمالچىلار سېتىۋالدى. نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە چەك قويۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى كۆچۈپ كىرىشىگە چەك قويۇلغان نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى %10 ئەتراپىدا ئاشتى» دېدى شىنجاڭ تۇڭخۈي بازار چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ گاڭ.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىل سودا مىقدارى 384 مىڭ، سودا سوممىسى 24 مىليارد 624 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ سودا مىقدارى 123 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي سودا مىقدارىنىڭ %32.03ىنى ئىگىلىگەن؛ سودا سوممىسى 14 مىليارد 186 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ %57.61ىنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى