تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كېچىلىك ئاشخانىلار» ھەممە جايدا ئېچىلىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى نۇرلاندۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ خەن، سۈن شاۋشيۇڭ

  كەچ سائەت 9 بولغاندا، شىنجاڭدا كۈن نۇرىنىڭ قىزىقى ئەمدىلا تۈگەپ تۇرۇشىغا، بۇ جايدا ياشايدىغان كىشىلەر مەززىلىك تائام ئىزدەش سەپىرىنى باشلايدۇ. ھەممىلا جايدا ئېچىلغان «كېچىلىك ئاشخانىلار» كۆپچىلىكنى بىر كۈندىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋاقىتتىن تولۇق ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.

  ئەتىياز كىرىشى بىلەن، كەچتىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئادەمگە لىق تولىدىغان بولدى. مەيدان مەركىزىدىكى مەنزىرە كۆرۈش مۇنارى ئاستىغا نۇرغۇن ساياھەتچى يىغىلدى، شوخ مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر بىرلىكتە مىللىيچە ئۇسسۇلغا چۈشتى. بۇ يەردە، ساياھەتچىلەر ئۆزگىچە ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىش بىلەن بىللە، شوخ مىللىيچە ئۇسسۇلنى كۆرەلەيدۇ ھەم ئۆزىمۇ ئوينىيالايدۇ.

  ئۆزى ئۇيۇتقان قېتىق، تەخسىگە تىزىلغان مېۋە - چېۋە، كاۋاپ، پولۇ... سودىسى قىزىپ كەتكەن دۇكانلارنىڭ ئالدى تاماق ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرغان خېرىدارلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار كەچلىك بازىرى 2018- يىلى 8- ئايدا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ناھايىتى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كىشىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تۈرلۈك ئۆزگىچە ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە قويۇق مىللىي تۈستىكى ئىمارەتلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، تۇنجى ئايدا كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ساياھەتچى ئېقىمى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  چوڭ بازاردا ئۇششاق تاۋار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زۆھرە ئەركىن مۇنداق دېدى: «3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، شۇڭا تېزدىن ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان ئۆزگىچە تاۋارلارنى كۆپرەك تەييارلىۋالمىساق بولمايدۇ».

  «يېقىندا چوڭ بازاردا چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرى + يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەر كۆرۈش، تېتىش سەزگۈسى ئارقىلىق شىنجاڭ پۇرىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. بۇنىڭدىن سىرت، 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا <تائام بازىرى> جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ باش تېمىلىق ئۇششاق يېمەكلىك كوچىسى، 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 2- قاراردىكى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ» دېدى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ مەسئۇلى نىڭ چى.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى مال سېتىۋېلىش، يېمەك - ئىچمەك، ئارام ئېلىش قاتارلىق شەكىلدىكى كېچىلىك ئىقتىسادىي پائالىيەتكە قاتناشماقتا، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى جايلار ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي شەھىرىنىڭ لەنۋەن كەچلىك بازىرى قىش پەسلىدىكى ئۆي ئىچى كەچلىك بازىرى، گەرچە قىش پەسلىدە سىرتتا قەھرىتان سوغۇق بولسىمۇ، كەچلىك بازار باھاردەك ئىللىپ كېتىدۇ، كەسپىي مەركىزىي ئاشخانا سەپلەنگەن تەييارلاش ئۆيىدە 50 نەچچە خىل قورۇما تەييارلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ «پۈتۈن پەسىللىك، پۈتۈن ھاۋا رايىلىق» مەززىلىك تائام ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

  شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر كەچلىك بازىرىدا بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە تىجارەت توختىمايدۇ. ھەر كۈنى ئاخشىمى، كەچلىك بازاردىكى بېلىق كاۋىپى، كاۋاپ، تاۋۇز، زۇڭزا، قوغۇن قاتارلىق مەززىلىك يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ. كاۋاپدان ئىگىسى ئابلەخەت قاسىم مۇنداق دېدى: «كۈندۈزى لازىمەتلىكلەرنى تەييارلايمەن، كەچتە تىجارەت قىلىمەن، بىر كۈندە 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە پۇل تاپالايمەن».

  تۇرانىسا مەمتىمىن خوتەن شەھىرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان بىر كەچلىك بازاردا سېرىق ئاش يايمىسى ئاچتى، «ھەر كۈنى تاڭ سەھەرگىچە تىجارەت قىلىمەن، مەن ئەتكەن سېرىق ئاش بەك ئوخشايدۇ، نۇرغۇن كىشى ئۇنى ھاراققا زاكۇسكا قىلىدۇ».

  ھەر كۈنى كەچقۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «ئەڭ كاتتا نومۇرى» − چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، ئەلنەپ سارىيى، شىنجاڭ بايلىق مەركىزى قاتارلىق كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇنلاردا كۆرسىتىلىدۇ؛ ئالتاي شەھىرىدە بەرپا قىلىنغان «مەنزىرە رايونى بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» كەچلىك بازاردىكى ساياھەتچىلەرگە ئالتاي كېچىسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ خوتەن كەچلىك بازىرى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھىتىنىڭ ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالغان، ئۇ خوتەنگە كەلگەن ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان «داڭلىق جاي»غا ئايلاندى.

  ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەتچىلىك سىجىل قىزىپ، سەيلە قىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، شۇنداقلا كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 12 مىليون 854 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75.54 ئاشقان؛ ساياھەت كىرىمى 14 مىليارد 97 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.84 ئاشقان.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى