تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بىر «كەنت»نىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولى

− جۇڭگۇەنسۈن 70 يىلدا نامسىز جايدىن يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسىگە ئايلاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گەي بومىڭ

   «جۇڭگۇەنسۈن بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر قەدەمگە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچلۈك قوللىشى مۇجەسسەملەنگەن، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ <بەلگىسى> ئۇرۇلغان.»

   جۇڭگۇەنسۈن روھى راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىلمىي روھىدا، ئېگىلمەس-سۇنماس ئىگىلىك تىكلەش روھىدا، قالتىسلىققا ئىنتىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھىدا، كەسىپ ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان بېغىشلاش روھىدا نامايان بولدى.

  ئەگەر جۇڭگۇەنسۈننى يەر نامى دەپلا قارىساق، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش ناھايىتى تەس بولىدۇ... 70 يىل ئىلگىرىكى بېيجىڭنىڭ شەھەر سىرتىدىكى قاقاسلىقتىن بۈگۈنكى كۈندىكى دۆلەتنىڭ «نام كارتىسى»غىچە بىر «كەنت»نىڭ باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئىلگىرىلىشى بىر كۈرەش قىلىدىغان دەۋرگە، يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋرگە گۇۋاھ بولدى.

  2018-يىلى، جۇڭگۇەنسۈندىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى 22 مىڭدىن ئاشتى، ئومۇمىي كىرىمى 5 تىرىليون 800 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشتى. كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغان پاتېنتى 86 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئاشتى... بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارقىسىدا جۇڭگۇەنسۈننىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىدىغان جانلىق ئەمەلىيىتى بار.

   «جۇڭگۇەنسۈن دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدىكى بىر بايراققا ئايلاندى»

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگۇەنسۈننى تارىخ سەھنىسىگە چىقاردى. 1988-يىلى 5-ئايدا، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ شەھىرىدە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى؛ 1999-يىلى 6-ئايدا، گوۋۇيۈەن تەستىقىي جاۋاب بېرىپ جۇڭگۇەنسۈن پەن-تېخنىكا باغچە رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى؛ 2009-يىلى 3-ئايدا، گوۋۇيۈەن جۇڭگۇەنسۈننى دۆلەتلىك ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونى قىلىپ قۇرۇشقا تەستىقىي جاۋاب بېرىپ، جۇڭگۇەنسۈننى يەر شارىۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى...

  «جۇڭگۇەنسۈن بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر قەدەمگە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچلۈك قوللىشى مۇجەسسەملەنگەن، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ <بەلگىسى> ئۇرۇلغان» دېدى بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يۈ جۈن.

  جۇڭگۇەنسۈن تېخنىكا-سانائەت-سودا دەۋرىنى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە سېتىش مەيدانى دەۋرىنى، «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، «386 تىپلىق كومپيۇتېر»لار، ئېلېكتىرونلۇق تاۋارلار دۇكانلىرى، ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش قەھۋەخانىلىرىدىكى قەھۋەلەر، جۇڭگۇەنسۈن باشتىن-ئاخىر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئېقىنىدا «دولقۇن يېرىپ» ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  ليەنشياڭ، بەيدۇ، شياۋمى، ليۇ چۈەنجى، لى يەنخۇڭ، لېي جۈن... 22 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى، 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق كەسىپكار ئاھالە بىر مۇكەممەل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇ يەردە ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، كاپىتال قاتارلىق پۈتۈن يەر شارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرى توپلاشقان، ھۆكۈمەت، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئادەم ئىشلىتىش ئورۇنلىرى ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلغان بولۇپلا قالماي، يەنە 500دىن ئارتۇق كەسىپلەر ئىتتىپاقى، جەمئىيەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلار ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا.

  جۇڭگۇەنسۈن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جەي لىشىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگۇەنسۈن روھى راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىلمىي روھىدا، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىگىلىك تىكلەش روھىدا، قالتىسلىققا ئىنتىلىدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھىدا، كەسىپ ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان بېغىشلاش روھىدا نامايان بولدى.

   جۇڭگۇەنسۈندە ئەزەلدىن يېڭىلىق يارىتىش ھېكايىلىرى كەم ئەمەس

  يان تېلېفوننى تاپشۇرۇق تېمىسىغا توغرىلاپ سۈرەتكە تارتسا، نەچچە سېكۇنتقا بارمايلا، مەسىلىنى يېشىش پىكىر يولى، بىلىم نۇقتىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئاپتوماتىك ھاسىل بولىدۇ. «يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتنى پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش، 80 مىليون ئايلىق ئاكتىپ ئابۇنىچىنىڭ زور مىقدارلىق سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرۈش، مائارىپ پەن-تېخنىكىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئوقۇتۇش شەكلىنى بېيىتماقتا، ھەم بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزىقىشى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرمەكتە» دېدى زويېباڭ مائارىپ پەن-تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى سۇ جىڭ تونۇشتۇرۇپ.

  2015- يىلى قۇرۇلغان بۇ كارخانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئون نەچچە ئادەمدىن ھازىرقى 4000دىن ئارتۇق ئادەمگە تەرەققىي قىلىشىغىچە، بېيجىڭدىكى بىر ئىش بېجىرىش ئورنىدىن يەتتە يەردە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇشىغىچە پەقەت تۆت يىللا ۋاقىت كەتتى.

  دۇنيا ئۇچۇر كەسپىنى ئاساس قىلغان يېڭى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويماقتا، جۇڭگۇەنسۈنمۇ ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن يەر شارى قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكى، سۆڭەك ئوپېراتسىيەسى ماشىنا ئادىمى، يېقىن ئارىلىقتا تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى... بېيجىڭ شىمالىي 4-ئايلانما غەربىي يولى 67-نومۇر، جۇڭگۇەنسۈن ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە بىر تۈركۈم ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018- يىلى جۇڭگۇەنسۈن باشقۇرۇش كومىتېتى مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ ئالاقىدار لايىھە تۈزۈپ، 12 ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنىدا تېخنىكا يۆتكەش ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ-كارخانا ھەمكارلىق تۈرىدىن 1500دىن ئارتۇققا، تېخنىكا يۆتكەش تۈرىدىن 411گە، پەن-تېخنىكا كارخانىسىدىن 40نى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى قوللىدى.

  جاڭ جېڭتاۋ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە جۇڭكې خۈييۈەن كۆرۈش سېزىمى تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى. بۇ كوللېكتىپ پۈتۈن يەر شارىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئېلېكتىرون ئوپتىكا ئەينەك باسما پۈتۈن ئاپتوماتىك AOI ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ، ئېلېكتىرون ئوپتىكا ئەينەك باسما ساھەسىنى 30 نەچچە يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان باسما سۈپىتىنى لىنىيەدە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۆتكىلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئورنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى ئونغا يېقىن يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسى، كەسىپلەشتۈرۈش تۈرىنى يېتىلدۈردى، يېتىشتۈردى، ئىگىلىك تىكلەش شىركەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مۆلچەر قىممىتى 4 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتىنىڭ داۋالاش، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

   جۇڭگونىڭ «كىرېمنىي جىلغىسى» بولماي دۇنيانىڭ «جۇڭگۇەنسۈن»ى بولۇش

  سىلوۋاكىيە مەبلەغ سېلىش ۋە سودا تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى توماس بۇتچېك 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ جۇڭگۇەنسۈن ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىغا كېلىپ، ۋەتىنىدىن ئىگىلىك تىكلەشكە كەلگەن بىر كوللېكتىپ ئۈچۈن جۇڭگۇەنسۈندە ئىگىلىك تىكلەش بايلىقىنى ئۇدۇللاشتۇردى.

  «جۇڭگۇەنسۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش بايلىقى مول، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكا بۇ يەردە تېز سۈرئەتتە بازارغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ» دېدى توماس.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگۇەنسۈندىكى چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خىزمەتچى خادىم 10 مىڭدىن، چەت ئەلدىن ۋەتەنگە قايتقان ئىختىساسلىقلار 40 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بىر قاتار چېگرادىن كىرىش-چىقىش ھەم ئولتۇراقلىشىش سىياسىتى ۋە ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، جۇڭگۇەنسۈن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى زاتلار جۇڭگوغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشتە ئالدىن تاللايدىغان بېكەتكە ئايلانغان.

  دۇنياغا يۈزلىنىپ، جۇڭگۇەنسۈنمۇ «ئۇرۇق چېچىۋاتىدۇ». جۇڭگۇەنسۈن «بىر بەلباغ، بىر يول» كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تەشەببۇس قىلغان «تېڭمەن پىلانى» يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشى بىلەن ئۆزئارا ئۇدۇللىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈر. 2017-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، «تېڭمەن پىلانى» 8000دىن كۆپ خەلقئارادىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋە 500دىن كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، 1000دىن كۆپ خەلقئارادىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى جۇڭگودا پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

  ھىندىستاندىن كەلگەن كۇما بۇنىڭدىن ئىلگىرى «تېڭمەن پىلانى» ئۇدۇللاش يىغىنى ئارقىلىق، ۋاڭيى شىركىتىدە پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋاڭيىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگۇەنسۈن دۇنيادىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى توپلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بىر تۈركۈم خەلقئارا پەن-تېخنىكا بايلىقى تېز سۈرئەت بىلەن توپلاندى ھەم تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. ئىنتېل تەجرىبىخانىسى، plug & play قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلقئارا داڭلىق يېتىلدۈرگۈچ جۇڭگۇەنسۈنگە ماكانلاشتى.

  كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، جۇڭگۇەنسۈننىڭ چىقىرىش قەدىمىمۇ ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى.

  − تۇڭفاڭ ۋېيشى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا ماكانلىشىپ، ئۆتكۈر پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۇنيانى ئەمەلىي بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن تەمىنلىدى.

  − لىيادې گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغان LED ئېكرانى ئامېرىكا ناسداك سودا بازىرى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى NASA سۈنئىي ھەمراھ كونترول مەركىزى قاتارلىق ئاپپاراتلارنى كۆرسىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  − شېڭجې پەن-تېخنىكىسىنىڭ «ئوت مۇداپىئە نەرسە تورى» شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا «يىراق سەپەر» قىلىپ، شۇ جايدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى قەدىمىي قۇرۇلۇشلىرىغا ئوتتىن مۇداپىئە «ئالتۇن قالقان»ى قۇرۇشىغا ياردەملەشتى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادېمىيە باشلىقى جاۋ خۇڭ مۇنداق قارىدى: كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگۇەنسۈن يەر شارىۋى نەزەر، دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكى ۋە رايون ئىقتىسادىنى ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇش نۇقتىسىدىن ئۈلگە رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر يۈكلىگەن يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگۇەنسۈننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات قەدىمى توختاپ قالمىدى؛ ئىشىنىمىزكى كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا، جۇڭگۇەنسۈننىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئۈمىد بار.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى