تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايون ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم» خىزمىتى خۇلاسىلەندى، تەپەككۇر يولى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلۇپ، تۈزىتىش ياخشى تۇتۇلۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈلۈپ، مەسئۇلىيەت چىڭىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاقسۇدىكى ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، «قىشلىق ھۇجۇم»نىڭ باسقۇچلۇق ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەپ قوزغىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ساھە، تارماقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى