تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ھەربىر بالىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى «نۇرلاندۇرۇش»

− شىنجاڭنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتىنى ئۆستۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئاينۇر

  ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپتە ھەقسىز ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش، ئوقۇش ھەققى تاپشۇرۇشتىن غەم قىلماسلىق، تاماق ياردەم پۇلى ۋە تەملىك تاماق، قورۇمىلار بولۇش... پامىر ئېگىزلىكىدىكى چوڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن كەلگەن 12 ياشلىق گۈلجامالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئات ئۈستى باشلانغۇچ مەكتەپ»ى، چېدىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇپ «ئوقۇش ئارزۇسى» رېئاللىققا ئايلاندى.

  گۈلجامالنىڭ ئۆيى چارلۇڭ يېزىسىنىڭ پاسىرئاۋات كەنتىدە بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. پازلاۋات كەنتى جايلاشقان ئاقتۇ ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە، دۆلىتىمىزدىكى قىرغىز مىللىتى ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى، چەت - ياقىدىكى مۇجى يېزىسى، چارلۇڭ يېزىسى، بۇلۇڭكۆل يېزىسى قاتارلىق چېگرا تاغلىق رايونلاردىكى كەنت، بازارلارنىڭ ئوتتۇرىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2800 مېتىردىن ئاشىدۇ، دېھقان - چارۋىچىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان، قاتناش ناھايىتى قولايسىز بولۇپ، شىنجاڭدىكى مائارىپ سەۋىيەسى ئەڭ ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاقتۇ ناھىيەسى تەدرىجىي ھالدا ئەسلىدىكى تاغلىق رايونغا تارقالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم 63 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش، مەركەزلىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ناھىيە بازىرىدا كىچىك ئاقتېرەك باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇردى. نۆۋەتتە، گۈلجامالغا ئوخشاش چارۋىچىلىق رايونىدىكى يېزا - بازارلاردىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 3600دىن ئارتۇق بالا بۇ يەردە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ.

  ئۆلچەملەشكەن سىنىپ، كەڭ ۋاسكېتبول مەيدانى، يورۇق ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، پاكىز ئاشخانا... زامانىۋىلاشقان مەكتەپتىكى جاراڭلىق كىتاب ئوقۇش ئاۋازى. گۈلجامال مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاكام ۋە ئاچام يۇرتىمىزدىكى ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا ئوقۇيتتى، ھەر كۈنى مەكتەپكە پىيادە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ئىككى سائەتكە يېقىن ۋاقىت كېتەتتى، ناچار ھاۋا رايىغا ئۇچرىغاندا، تاغ يولىدا مېڭىش تەس بولغانلىقتىن، سەۋەبسىز دەرستىن قېلىشقا مەجبۇر بولاتتى. ھەر يىلدا ئىككى قېتىم يايلاق كۆچەتتۇق، ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىكى دەرسلەرنىمۇ توختىتىشقا توغرا كېلەتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چەت، يىراق، نامرات رايونلارغا سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يەرلىكنىڭ «يۇمشاق، قاتتىق دېتال» دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردا ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشى، «يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى»، مەخسۇس تەربىيەلەش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى قاتارلىق مائارىپتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئارقا-ئارقىدىن باشلىدى، يولغا قويدى، كۆپ تۈرلۈك مائارىپ «پايدىسى»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا بولسۇن، ياكى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلار ئارىسىدا بولسۇن، ئەڭ چىرايلىق ئىمارەت كۆپ ھاللاردا مەكتەپ بولۇپ قالدى. بۇنىڭ پايدىسىدا، بارغانسېرى چەت، يىراق، نامرات رايونلاردىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرى ئادىل مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا.

  يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كادىرلار مائارىپقا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ «سۈپىتىنى ئۆستۈردى» ۋە ئۇنى «كېڭەيتتى، تولۇقلىدى»، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭ تولۇقلىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 80 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %66تىن ئاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە مائاش كىرىمى ۋە ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىش، ياتاق شارائىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قەلبلەرنى مايىل قىلىپ ئادەملەرنى ئېلىپ قېلىپ، «يۇمشاق دېتال» دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى «كەمتۈكلۈك»لەرنى تولۇقلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون جەمئىي 3 مىليارد 720 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدا يەسلى يېشىدىكىلەر ئۈچ يىللىق مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇملىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، يەسلى يېشىدىكىلەر ئۈچ يىللىق مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100كە، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.89كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %98.60كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا ئۆرلەش نىسبىتى %98.60كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يەتكەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتە شىنجاڭدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.91كە يېتىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە «قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەسلى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاشنى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ يىرىك پىلانى بويىچە، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ يەنە داۋاملىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەركەزنىڭ ياردەم مەبلىغى ۋە يەرلىكنىڭ مالىيە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار قۇتقۇزۇلىدىغان، ياردەم بېرىلىدىغان، بېقىلىدىغان ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بارلار توپىغا مايىللىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى