تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خوتەندە 22 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلاشتى

«باھار شامىلى ھەرىكىتى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى داۋجۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: «كەنتتىكى گۈل - گىياھ بازىسىدا ئىشلەش ئىنتايىن ياخشى، بىر ئايدا 2000 يۈەن تاپالايمەن، يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.» 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى ئاق لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سالامەت مەمتىمىن خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

  «مېنىڭ گۈل-گىياھ بازىسىدا خىزمەت تېپىشىمنى ۋىلايەت قانات يايدۇرغان <باھار شامىلى ھەرىكىتى>دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ» دېدى سالامەت. ئاق لەڭگەر كەنتىدىكى گۈل- گىياھ بازىسىدا سالامەتكە ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلاشقان كەنت ئاھالىسىدىن 36 كىشى بار.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاق لەڭگەر كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.4 مو بولۇپ، ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «باھار شامىلى ھەرىكىتى» ئارقىلىق نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بىرەردىن ماھارەت ئىگىلىگەن. بۇ كەنتتىكى 900دىن ئارتۇق ئەمگەكچى ئىچىدە، 386 كىشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، قالغان كەنت ئاھالىلىرى «باھار شامىلى ھەرىكىتى» بويىچە ماھارەت بىلەن تەربىيەلىنىش ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان. 2018-يىلى، ئاق لەڭگەر كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان.

  بۇ يىل 2-ئايدا، خوتەن ۋىلايىتى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش» باش تېمىسىدىكى «باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تەمىنلەش - ئېھتىياج سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، 20 مىڭ 800 كىشىنى تەشكىللەپ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتۇردى، 23 مىڭدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، 11 مىڭ 900 ئادەمنى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، 22 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «باھار شامىلى ھەرىكىتى»دە، خوتەن ۋىلايىتى 17 مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئاچتى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر ئىشلەمچىلىك قىلىش ئېھتىياجى بارلارنى تىزىملاپ خاتىرە قالدۇردى ھەم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى خادىم قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى يېزىلاردا، كەنتلەردە ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەربىر مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنىدا، ھۆكۈمەت يەنە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە يۈزتۇرا مەسلىھەت بەردى ۋە مۇلازىمەت قىلدى.

  خوتەن ۋىلايىتى يەنە «ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، بەختكە ئېرىشىشتە كۈرەش قىلىشقا تايىنىمەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ئۆزۈمگە تايىنىمەن» باش تېمىسىدىكى مەخسۇس تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تىپلارنى تاللاپ تىكلەش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلارنى كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى سۆزلەشكە تەشكىللەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  2018-يىلى، خوتەن ۋىلايىتى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، سۈپىتى، ئىش ئورنى يارىتىش سانى قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن ۋىلايەتتە 611 مىڭ 500 ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %9.32 ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىگىلىك تىكلىگەنلەر 402 مىڭ 500 ئادەم قېتىم، رايون ئاتلاپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 209 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى