تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ئاشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىر شاڭخەي داجۇڭ (شىنجاڭ) ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، ئالدىراشچىلىققا تولغان ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىنى كۆردى: تېخنىك ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىدە جىددىي ئىشلىمەكتە ئىدى، قۇراشتۇرۇلۇپ بولۇنغان قاتار-قاتار ئاپتوموبىللار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىن رەتلىك ھەيدەپ چىقىرىلىۋاتاتتى. «بۇ يىل، بىز SUV تىپىدىكى ئاپتوموبىلنى مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ بىزگە ناھايىتى زور ياردىمى بولدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئالىي دىرېكتورى دەي يەنمىن.

  شاڭخەي داجۇڭ (شىنجاڭ) ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى. دەي يەنمىن ھېساب-كىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ يىل شىركىتىمىزنىڭ تاپشۇرىدىغان بېجىنىڭ 10 مىليون يۈەن ئازىيىشى مۆلچەرلەندى. كارخانىلارنىڭ نەق پۇل ئوبوروتى ئاشۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش بىزنى ئاپتوموبىل سېتىش ۋە مۇلازىمەتتە كۆپ خىل، تەكرار ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنى ھەقىقىي ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى».

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىدا ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ باج كېمەيتىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئالغان پايدىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان. «قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى %16تىن %13كە تۆۋەنلىتىلدى، ياسىمىچىلىق كەسپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يۈكىمىز زور دەرىجىدە يېنىكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىگە قوشۇپ ھېسابلىنىپ تۇتۇپ قېلىنىدىغان نىسبەتنى %50تىن %75كە ئۆستۈرۈش، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن مۇقىم مۈلۈك سېتىۋالغاندا بىر قېتىمدىلا تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولدۇق» دېدى 4- ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى خۇ شياۋدۇڭ مۇخبىرغا.

  جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ئۇل خىمىيە خام ئەشيالىرىنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى خىلور - ئىشقار ساھەسىدە باشلامچى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى. «بۇ يىل بىزنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىدىن ئىبارەت بۇ بىر تۈردىلا كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان باج سوممىمىز 200 مىليون يۈەن بولۇشى مۇمكىن، بىز بۇ مەبلەغنى يېڭى تۈرلەرگە ئىشلىتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۆپەيتىمىز» دېدى خۇ شياۋدۇڭ.

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پۇختا تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى تور، تور سىرتى بىر گەۋدە قىلىنغان تەشۋىقات يېتەكچىلىكى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، باج تور پونكىتى، ئۈندىدار سۇپىسى، يان تېلېفون APPسى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ «بارماق دەرسخانىسى» بەرپا قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار شۆتاڭى، بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىش ئاساس قىلىنغان تەربىيەلەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ھەم %100 تولۇق قاپلىدى، ھەم نۇقتىدىن نۇقتىغىچە دەل «تېمىتىپ سۇغاردى»؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئاممىغا قولاي باج ئىشلىرىنى بېجىرىش باھار شامىلى ھەرىكىتى»گە بىرلەشتۈرۈپ، تۆت چوڭ خىلدىكى 13 تۈرلۈك 54 ماددىلىق ئاممىغا قولاي باج ئىشلىرىنى بېجىرىش مۇلازىمەت تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، يوللايدىغان ماتېرىياللارنى يەنىمۇ ئازايتىپ، باج ئىشلىرىنى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىلىق فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئاددىي، ئېنىق، يولغا قويۇلۇشى ئوڭاي، مەشغۇلات قىلىنىشى ئاسان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ سىياسەتنىڭ قەرەلىدە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى باج يىغىش مۇددىتىدىن ئىلگىرى يادرولۇق باج يىغىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تەڭشەشنى تاماملاپ، سىياسەت شەرتىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش، باج پۇلىنى ھېسابلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، كەڭ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئېتىباردىن بەھرىلىنىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ليۇ پېيپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات يېتەكچىلىكىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، باج تاپشۇرغۇچىلار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىتا بىرگە بىر، يۈزتۇرا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ يېتەكلەش، نۇقتىدىن نۇقتىغىچە تور ئارقىلىق يېتەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، قاراتمىلىققا ئىگە، كۆپ خىل شەكىلدىكى، خاسلاشتۇرۇلغان يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئالتۇن باجنىڭ ئۈچىنچى قارارلىق يادرولۇق باج يىغىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئالاقىدار بۆلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى ئىلتىماس سۇنۇش بۆلىكىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سىياسەتتىن بەھرىلىنىشىنىڭ دەللىكىنى ئۆستۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى