تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، جىن جېڭئېننىڭ يەنە چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى. 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى جىن جېڭئېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يەنە چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز چاۋشيەن ئالىي خەلق قۇرۇلتىيى 14-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىدا يەنە چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىقىغا سايلىنىپسىز، بۇ چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنىڭ سىزگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە سىزنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. مەن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي تىلەك بىلدۈرىمەن. بىز خۇشال ھالدا شۇنى كۆردۇقكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يولداش كومىتېت باشلىقى بېكىتكەن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، چاۋشيەن خەلقى چوقۇم دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەت تاغ-دەريالىرى تۇتاش دوست قوشنا. مەن جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. بۇلتۇردىن بۇيان، مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن تۆت قېتىم كۆرۈشۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئاچتۇق. مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.