تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى 2- قېتىم مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تاماملىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ قىسمەن ئىچكى نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلاش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» يېقىندا ئېلان قىلىندى. «قارار»نىڭ ئېلان قىلىنىشى 2018- يىلى 11- ئايدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ قانات يايدۇرۇلغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى 2- قېتىم مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەركىزىي كومىتېت تەرتىپكە سېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىگە قارىتا، 54 پارچىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 56 پارچىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلاش، سەككىز پارچىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىغا چېتىشلىق مەركىزىي كومىتېتنىڭ 14 پارچە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامىغا بىر يۈرۈش تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى ۋە پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ بىردەكلىكى، نوپۇزلۇقلۇقىنى قوغداپ، مۇكەممەل بولغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەركىزىي كومىتېت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئومۇمەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە كۈچتىن قالغانلىقى جاكارلانغان نىزام، ھۆججەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بىردەك توختىتىلىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار قىلىنغان نىزام، ھۆججەتلەرگە قارىتا، ئالاقىدار مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى