تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ماھارەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مىڭ مەكتەپ ھەرىكىتى تېز، پۇختا بولدى

«ماھارەت تامىقى»غا ئېرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا مېڭىش

ماھارەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مىڭ مەكتەپ ھەرىكىتى تېز، پۇختا بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، خوتەن تېخنىك شۆيۈەنى پەرۋىش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇئايشەم ئىمىنتوختى مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ماھارەت ئۆگەندىم، «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتىدىن ياخشى بەھرىمەن بولدۇم، ھەر ئايدا يەنە شۆيۈەندىن بېرىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى بار. مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىپ، ماھارىتىمگە تايىنىپ جان باقىمەن، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىمەن.

  بۇئايشەم يېزىدىكى نامرات ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خوتەن تېخنىك شۆيۈەنىنىڭ پەرۋىش كەسپىدە ماھارەت ئۆگىنىشنى تاللاپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ماھارىتىگە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلماقچى بولدى. خوتەن تېخنىك شۆيۈەنىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىسىدىن 2881ى بار بولۇپ، پۈتۈن شۆيۈەندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %45.41ىنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان بۇنداق ئوقۇغۇچىدىن 17 مىڭ 300ى بار.

  بېلىق بەرگىچە بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش كېرەك. نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىرەر تېخنىكا ئىگىلەپ، «ماھارەت تامىقى»غا ئېرىشىش ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. «ئاپتونوم رايوننىڭ تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ماھارەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مىڭ مەكتەپ ھەرىكىتى ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانى (2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»دا: دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەردىكى 100 مىڭدىن كۆپرەك ئەمگەكچىنى تەربىيەلەش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىگە ھەر يىلى نامرات ئائىلىلەردىن 5000دىن كۆپ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن جەمئىي 7191 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

  «ھەربىر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئارزۇسى بارلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ مۇدىرى لياڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، ئوقۇشقا كىرىش، كەسىپ تاللاش، زاكازلىق، نىشانلىق تەربىيەلەش سىنىپى (كارخانىلار ئىسمى بىلەن ئاتالغان سىنىپ) ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پىراكتىكا قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە «ئالتىدە ئالدىن ئېتىبار بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ يىلدىن باشلاپ نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، «مېھىر - شەپقەت پىلانى»نى يولغا قويۇپ، پەرزەنتلىرى ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن يىلدا 3000 يۈەن بېرىش ئۆلچىمى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى تەشكىللەپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 27 تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە تارماق مەكتەپ تەسىس قىلىپ، «بىر ناھىيەدە بىر لايىھە، بىر مەكتەپتە بىر خاسلىق» بولۇش، كەسىپ تەسىس قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى، «قوبۇل قىلىنالايدىغان، مۇقىم تۇرىدىغان، ياخشى ئۆگىنىدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان» تەرەققىيات ھالىتى كۆرۈلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىم بولۇش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولدى.

  تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مائارىپىدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەربىر ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىگە بېرىپ، ئاز دېگەندە بىر قېتىم كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلالايدۇ. نامرات ئاھالە مەركەزلەشكەن خوتەن ۋىلايىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ياشلارنى زاكازلىق تەربىيەلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، 2018- يىلى ئالتە نۇقتىلىق تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدىكى 26 مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىنى دەرس ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەشكىللەپ، جەمئىي 3539 ئادەمنى تەربىيەلەپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى.

  «بىر ئادەمنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەندە، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەتكۈزگەندە بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتقىلى بولىدۇ». تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى ۋە كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشتىن مەنپەئەتلەنگەن نۇرغۇن نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى تېخنىكا - ماھارەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا قاراپ ماڭدى. 2018- يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەنلەر 3400 ئادەم بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97.7كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى