تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ يۈننەن گۇڭشەندىكى دۇلۇڭزۇ ئاممىسىنى جاۋاب خەت يېزىپ ئىلھاملاندۇردى

بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يۇرت-ماكاننى ياخشى قۇرۇپ، چېگرانى ياخشى قوغداپ، تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتايلى

      جاۋاب خەت

  يۈننەن گۇڭشەن ناھىيەسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى يۇرتداشلار:

  ياخشىمۇ سىلەر! سىلەرنىڭ يېزىلىق پارتكوم خەت يېزىپ، بۇلتۇر دۇلۇڭزۇ مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، سىلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!

  ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇيۇم، شۇنداقلا بىزنىڭ ئورتاق كۈرەش نىشانىمىز. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇلۇڭزۇ مىللىتى ئوت - چۆپلەرنى ئۆرتەپ، يەرنى چوقۇلاپ تېرىيدىغان ئىپتىدائىي تۇرمۇش بىلەن خوشلاشتى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۇلۇڭزۇ مىللىتى ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدى. بۇ شۇنى جانلىق چۈشەندۈرىدۇكى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پەقەت تۇنجى قەدەم، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا. يۇرتداشلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يۇرت - ماكانىنى ياخشى قۇرۇپ، چېگرانى ياخشى قوغداپ، تىرىشىپ دۇلۇڭزۇ مىللىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

شى جىنپىڭ

2019-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭشەن ناھىيەسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى ئاممىغا جاۋاب خەت يېزىپ، دۇلۇڭزۇ مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىلەرنىڭ يېزىلىق پارتكوم خەت يېزىپ، بۇلتۇر دۇلۇڭزۇ مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، سىلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇيۇم، شۇنداقلا بىزنىڭ ئورتاق كۈرەش نىشانىمىز. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇلۇڭزۇ مىللىتى ئوت-چۆپلەرنى ئۆرتەپ، يەرنى چوقۇلاپ تېرىيدىغان ئىپتىدائىي تۇرمۇش بىلەن خوشلاشتى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۇلۇڭزۇ مىللىتى ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدى. بۇ شۇنى جانلىق چۈشەندۈرىدۇكى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پەقەت تۇنجى قەدەم، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا. يۇرتداشلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يۇرت-ماكانىنى ياخشى قۇرۇپ، چېگرانى ياخشى قوغداپ، تىرىشىپ دۇلۇڭزۇ مىللىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  دۇلۇڭزۇ مىللىتى دۆلىتىمىزدىكى نوپۇسى بىرقەدەر ئاز 28 مىللەتنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ گۇڭشەن ناھىيەسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەر تاغ ئىچكىرىسىدىكى جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئىزچىل يۈننەن، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. 2018-يىلى، دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى ئالتە مەمۇرىي كەنت ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، دۇلۇڭزۇ مىللىتى پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇ يەردىكى ئامما يېزىلىق پارتكومغا باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، دۇلۇڭزۇ مىللىتىنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق خۇش خەۋىرىدىن دوكلات بېرىشنى ھاۋالە قىلىپ، ئىشەنچنى داۋاملىق چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يۇرت - ماكانىنى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى