تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئايشەمنىڭ بەختكە چۆمگەن باھار كۈنلىرى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، چىن مېيخۇا، لۈ يىخەن، سۇ شۈەنمىڭ

4- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ چېنلاۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئايشەم ئابدۇلھېمىتقا ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)

  يېتىپ كەلدى 4- ئاي زەپ چىرايلىق باھاردا. 4- ئاينىڭ 10- كۈنى سەھەردە، ئىللىق قۇياش نۇرى سۇس تۇماننى يېرىپ ئۆتۈپ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى چېنلاۋچى كەنتىنى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى. يېزا يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پىيادىلەر يولىدا دەل - دەرەخلەر بارغانسېرى قويۇق يېشىل تۈسكە كىرىشكە باشلىغانىدى، رەت - رەت ئەمىن ئۆيلەر باش ئەتىيازدىكى يېشىللىققا خويمۇ ياراشقان بولۇپ، پۈتكۈل كەنت خۇددى سۈرەتتەكلا گۈزەل ئىدى.

  كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقتا كەنت ئاھالىسى ئايشەم ئابدۇلھېمىت كەتمەننى كۈچەپ ئۇرغىنىچە تېرىلىش ئالدىدا تۇرغان كېۋەز ئېتىزلىقىنى تۈزلەۋاتاتتى.

  بۇ كۈن ئايشەمنىڭ تولۇپ تاشقان خۇشاللىقى ۋە تەقەززاسى ئىچىدە يېتىپ كەلگەنىدى. چۈنكى بۇ قېتىمقى كېۋەز ئۇرۇقى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ چېنلاۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەخسۇس كەنت ئاھالىلىرىنى تەمىنلىگەن ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق ئىدى.

  ھالبۇكى، بىرقانچە يىل ئىلگىرى ئايشەم كېۋەز تېرىشقا بەك قىزىقىپ كەتمەيتتى. «ئىزچىل كېۋەز تېرىغان بولساممۇ، ئىلگىرى يىلدا ياخشى ھوسۇل ئالالمايتتىم، بىر مو يەردىن قىلغان كىرىمىم 300 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى.» ئۇنىڭ چېھرىدە سەل - پەل خىجىللىق ئەكس ئەتتى، ئارقىدىنلا ئۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى بىزگە دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە بىرقانچە قېتىم تەكلىپ قىلدى. شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، كېۋەز ئۇرۇقىنى تېرىپ بولۇپ، بىرقانچە قېتىم سۇغىرىپ قويۇپلا كارى بولمايدىغان بۇنداق كېۋەز تېرىش ئۇسۇلى بىلەن قانداقمۇ ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بولسۇن!»

  كېۋەزلىكنى ياخشى پەرۋىش قىلالمىغاچقا، ئايشەم بىر مەھەل كەنتتىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە بولۇپ قالغانىدى.

  يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئايشەم كېۋەزلىكىنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئۇ يان تېلېفونىنى ئېلىپ ھېسابلىغۇچنى ئېچىپ، ئۇستىلىق بىلەن ھېسابات قىلدى، ئېكراندىكى رەقەم «21320»نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. «بۇلتۇر، ئىلگىرىكى ھوسۇل ئەڭ ئاز بولغان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا مو بېشىدىن 80 كىلوگىرامدىن 100 كىلوگىرامغىچە ئارتۇق ھوسۇل ئېلىپ، جەمئىي 20 مىڭ يۈەندىن كۆپ ساپ كىرىم قىلدىم» دېدى ئۇ.

  بۇ يىل ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن ئايشەم ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقنى كۆرگەندىن كېيىن، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. ئەمگەك ئارىلىقىدا، ئۇ جايىدا دەم ئالغاچ يىراقلارغا نەزەر سالدى، ئۇ نېمىلەرنىدۇ ئارزۇ قىلىۋاتقاندەك تۇراتتى.

  «ئانا، ئەجەب ئەتىگەن كېلىۋاپسىزغۇ؟» دېگەن ئاۋاز ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى. ئېتىز قىرىدا ئېگىز بويلۇق، بەستلىك بىر يىگىت تېز قەدەم تاشلاپ ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى.

  «ماڭا بېرىڭ، مەن قىلاي!» يىگىت ئايشەمنىڭ قولىدىن كەتمەننى ئېلىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئىشلەشكە باشلىدى، «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كېۋەز ئۇرۇقىنى ئېلىپ ھازىرلا يېتىپ كېلىدۇ، قاراڭە ئالدىراپ كەتكىنىڭىزنى» ئايشەم ئوغلىنىڭ ئاغرىنىشلىرىغا پىسەنت قىلماي، ئەكسىچە كۈلۈپ كەتتى.

  ئايشەمنىڭ ئوغلى نۇرەخمەت ئابلەت ئىلگىرى كەنتتىكى نامى چىققان ھۇرۇن ئىدى، ھەر كۈنى لاغايلاپ يۈرەتتى. بۇنىڭغا چىدىمىغان خوتۇنى ئاچچىقىدا ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنىدى.

  «ئۇمۇ چوپچوڭلا ئادەم بولۇپ قالدى، مېنىڭمۇ گېپىم ئۆتمىدى، پەقەت ئىچىم تىتىلداپلا تۇراتتىم» ئوغلىنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرى تىلغا ئېلىنىۋىدى، ئايشەمنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

  2017- يىلى ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى. شۇ يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى چېنلاۋچى كەنتىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى دېڭ جىخۇا ئايشەم ئائىلىسىنىڭ ھۆددە كادىرى بولدى. «دېڭ ئاكام ماڭا ياردەم قىلدى.» نۇرەخمەت ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «باشقىلارنىڭ نەزەرىدە مەن بىر بىكار تەلەت ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجرىشىپ كەتتىم، بۇ ئۆمرۈم مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق ئۇ دائىم مەن بىلەن سىردىشىپ، ماڭا مەدەت بەردى، يەنە مېنى دېھقانلار كەچلىك كۇرسىغا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە ئاپاردى».

  قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە. دېڭ جىخۇانىڭ تەسىرىدە، نۇرەخمەت ئىلگىرىكى ئۆزى بىلەن تەلتۆكۈس خوشلىشىشنى تاللىدى. 2018- يىلى، نۇرەخمەت شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، يەنە كەنتنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى بولدى.

  ئوغلىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى، روھىي قىياپىتىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرگەن ئايشەمنىڭ كۆڭلى سۆيۈندى، ئۇ «ھېلىقى ئىش»نى دەيدىغان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

  «ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمامسەن؟» بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئانىسىنىڭ سىناپ دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزىدىن نۇرەخمەت غەيرەتكە كېلىپ، قولدىن بېرىپ قويغان تۇرمۇشىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى. تېلېفون ئۇلاندى، ئازراق جىددىيلەشكەن نۇرەخمەت غەيرەتكە كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر پارتىيە ئەزاسى، ھەم ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى بولدۇم، ھەر كۈنى ئويناپ يۈرمەيدىغان بولدۇم، ئىشەنمىسىڭىز كەنتكە كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ، سوراپ بېقىڭ...»

  3- ئاينىڭ ئاخىرى، نۇرەخمەت ئاجراشقان خوتۇنى بىلەن يارىشىۋالدى.

  ئېتىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە، لىققىدە كېۋەز ئۇرۇقى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئاستا - ئاستا كېلىۋاتاتتى، ئۇرۇق سېلىش، سولياۋ يوپۇق يېپىش ماشىنىسىمۇ ئەگىشىپلا كېلىۋاتاتتى.

  موتورنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە جابدۇق - سايمانلىرىنى يۈدۈپ ئۆيىدىن چىقىپ، ئېتىزغا كەلدى.

  «ئانا، مەن بېرىپ ئۇرۇقنى چۈشۈرۈشكە ياردەملىشەي».

  «بارغىن، كۆپرەك ئىشلىگىن!»

  «بولىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ!»

  ئەلا سورتلۇق كېۋەز ئۇرۇقلىرى، مۇۋەپپەقىيەتلىك «ئۆزگەرگەن» ئوغۇل، بەختلىك مۇكەممەل ئائىلە... ئالتۇن كۈز 9- ئاي كەلمەي تۇرۇپلا، بۇ ئىللىق باھاردا ئايشەم لىققىدە بەختكە ئېرىشكەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى