تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«كەنتتىكىلەر» «كەنت ئىشلىرى»نى سۆزلىگەندە

ليۇ شياڭ

  4- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى چېنلاۋچى كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى تۆتەيلەن كەنتتە تۇرۇپ زىيارەت قىلىشنى باشلىدى.

  شۇ كۈنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، بىز كەنتتىكى تېرىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر پارچە كېۋەزلىككە كەلدۇق. دەل مۇشۇ يەردە، بىز كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان ئايشەم ئابدۇلھېمىتنى ئۇچراتتۇق.

  دەسلەپتە، ئايشەم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى ئەلا سورتلۇق كېۋەز ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنىلا سۆزلەپ بەردى، بىز گەرچە چىن كۆڭلىمىزدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولغان بولساقمۇ، ئاخبارات تەپسىلاتىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. جەزمەن كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولغاندىلا، تېخىمۇ يېڭى ئاخبارات ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولالايتتۇق.

  زىيارەت جەريانىدا، بىز ئۆزىمىزنى «كەنت ئاھالىسى» دەپ قاراپ، ئايشەمدىن كەتمەننى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئالدۇق. كەتمەننى تۇنجى قولغا ئالغىنىمىزدا، سەل ئەپلىشەلمەي قالدۇق، ئايشەم بىر تەرەپتىن ئۆگىتىپ، بىر تەرەپتىن بىزنىڭ «غەلىتە» قىياپىتىمىزگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. بېرىش - كېلىش ئارقىلىق، ئۇ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئازادە ئېيتىشقا باشلاپ، بىزگە ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى، شۇنداقلا ئوغلىنىڭ ئاجراشقان خوتۇنى بىلەن يېقىندا يارىشىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشىنىمۇ سۆزلەپ بەردى.

  ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاجرىشىپ كەتكەن؟ بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يارىشىۋالدى؟ بۇ گۇمانلار بىلەن بىز مۇشۇ ئىشنى چۆرىدەپ ئىچكىرىلەپ قېزىشقا باشلىدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى نۇرئەخمەت ئابلەتنىڭ «تىپ ئۆزگەرتىش» ھېكايىسىگە ئىگە بولدۇق. ئاخىرىدا، بىز ئايشەمنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ چۈشەندۇق.

  كېيىنكى مەزگىلدىكى نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىدە، بىز داۋاملىق «كەنتتىكىلەر»نىڭ ئىنتوناتسىيەسى، «كەنتتىكىلەر»نىڭ پىسخىك ھالىتى ھەمدە «كەنتتىكىلەر»نىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ «يەرلىك پۇراققا ئىگە، مەزمۇنلۇق، ھارارەتلىك» ھېكايىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى