تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دەۋرنى كۈيلەيلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  تۈنۈگۈن «شىنجاڭ گېزىتى»دە «سەلتەنەتلىك 70 يىل. كۈرەشچان يېڭى دەۋر − تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» دېگەن سەھىپە ئېچىلدى، تۇنجى ماقالە «ماخمۇت ئائىلىسىنىڭ ياڭاق ھېساباتى»دا كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان ماخمۇت مەمەترېھىمنىڭ ئىلمىي ياڭاق ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭغان ھېكايىسى جانلىق بايان قىلىندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتى يېقىندا ئون گۇرۇپپىدىكى نەچچە ئون پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشكە ئەۋەتتى، ئۇلار نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش جەريانىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يۈزبەرگەن تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلدى.

  ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش جەريانىدا، ئايىغى چاققان بولۇش كۈچەيتىلدى، تۇرمۇشنى كۆزىتىش جەريانىدا كۆزى ئۆتكۈر بولۇش كۈچەيتىلدى، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر قىلىش جەريانىدا زېھنى ئوچۇق بولۇش كۈچەيتىلدى، دەۋرنى بايان قىلىش جەريانىدا قەلىمى كۈچلۈك بولۇش كۈچەيتىلدى. بۇ قېتىمقى چوڭ تىپتىكى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قانداق بولۇشى ئاخىرىدا «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ چوڭقۇرلۇقىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.

  ئەسەر ھېسسىياتتىن تۇغۇلىدۇ، ھېسسىيات كەچۈرمىشتىن تۇغۇلىدۇ. ئايىغى چاققان بولۇشنى كۈچەيتىشتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر زىيارەت قىلىش يولىدا مېڭىش كېرەك. تىرىشچان بولۇش، ئايىغى چاققان بولۇش ياخشى مۇخبىر بولۇشتىكى ئاساسىي ماھارەت. فەن چاڭجياڭ جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئايلىنىپ چىقىپ، «جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكى» ۋە «چېگراغا سەپەر»نى يېزىپ چىققان؛ مۇ چىڭ بىر ئۆمۈر مۇخبىرلىقنىڭ بىرىنچى سېپىدە يۈرۈپ، «ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى − جياۋ يۈلۇ» قاتارلىق ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىققان. 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ئىككى پۇتى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئايلىنىپ چىقالايدىغان ئىرادىگە ئىگە بولۇشى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق، ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى قول خام ماتېرىيالغا ئېرىشىپ، ئوبيېكتىپ خەۋەرلەر، نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، قىزغىن تۇرمۇش ۋە دەۋر ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلەپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە «لاي چاپلاشقان» «شەبنەم چۈشكەن» «ھورى چىقىپ تۇرغان» ياخشى خەۋەرلەرنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

  بايقاشقا ماھىر بىر جۈپ كۆزىڭىز بولسىلا، تۇرمۇشتا گۈزەللىك كەم ئەمەس. كۆزى ئۆتكۈر بولۇشنى كۈچەيتىشتە كۆزىتىش ئىقتىدارى، بايقاش ئىقتىدارى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، ئادەتتىكى، ئاددىي كۈنلەردە تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى بايقاش، كۆرۈنۈشتە ئادەتتىكىدەك ئۆزگىرىشلەردىن دەۋرنىڭ تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۈچنى مۇجەسسەملەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتەك ئوتتەك قىزغىن مەنزىرە، ھەممىلا يەردە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى بار بولۇپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈس ئالدى. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى سەزگۈر بىر جۈپ كۆزى ئارقىلىق بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان كۈرەشچان يېڭى دەۋردىكى يېڭى كەيپىياتىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ھارارەتكە، سالماققا ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈشى، كىشىلەرنى جەلپ قىلىشى كېرەك.

  ئاخبارات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇھىمى توختىماي ئۆگىنىش، توختىماي پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك. زېھنى ئوچۇق بولۇشنى كۈچەيتىشتە، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى بىلىم ئىگىلەپ، يېڭى ساھەلەر بىلەن پىششىق تونۇشۇپ، يېڭى نەزەر دائىرىنى ئېچىپ، نەزەرىيەۋى ساپانى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنئەندىكى مەزگىلدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ «يېڭى جۇڭخۇا گېزىتى»گە «كۆپ ئويلاش» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بېرىپ، گېزىت خىزمەتچىلىرىنى كاللىنى كۆپ ئىشلىتىشكە، كۆپ ئانالىز قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا نېمە ئۈچۈننى كۆپرەك سوراپ، قانداق قىلىشنى كۆپرەك ئويلاپ، پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماقالىنى سۈپەتلىك، سالمىقى بار يېزىپ، تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

  ئەخلاق، ھەققانىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، چېۋەر قولدا ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىش كېرەك. ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق بولۇشنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا قەلىمى كۈچلۈك بولۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان سۆزلەرلا كاللىغا، قەلبكە سىڭىدۇ. قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى كۈچەيتىشتە، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، بۇ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي ساپاسى. ئاخبارات خىزمەتچىلىرى يېزىقنى باشقۇرۇش، كۆز - قاراشنى تاۋلاش، ئىدىيەنى ئىپادىلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز چېنىقتۇرۇپ، تارقىتىش كۈچىگە، يېتەكلەش كۈچىگە، تەسىر كۈچىگە، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىگە ئىگە بولغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىقىشى كېرەك.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئالقىشلاش، يېڭى دەۋرنى كۈيلەش پارتىيە ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىم - تەربىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندىلا، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمەتچىلىرى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشتەك ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىسىگە ئالالايدۇ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى