تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئاڭلىق ھالدا «تۆتتە ئۈلگە»لەردىن بولىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەت نەمەت

  مەن ئونسۇ ناھىيەسىدىكى بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان، دادام ئىلگىرى ھەربىيلىككە قاتناشقان بولۇپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم كادىر. دادامنىڭ تەسىرىدە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەنمۇ ھەربىيلىككە قاتنىشىشنى تاللىدىم. مەكتەپتە ئوقۇشتىن ھەربىيلىككە قاتناشقىچە، يەنە خىزمەتكە قاتناشقىچە، مەن باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ساۋاقداشلار، سەپداشلار ۋە خىزمەتداشلار بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، ئورتاق يۈكسەلدىم. مەن ئۆگىنىش، خىزمەتنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى؛ دېھقان - چارۋىچىلار تۇرالغۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، كېسەل كۆرسىتىش، ئوقۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى. بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار مەڭگۈ پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ساداقەتمەن قەلبكە ئىگە بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشى كېرەك.

  بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخىي ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم، تىنچ تۇرمۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. بىز كۆپكە زىيان سالىدىغان بۇ زىيانداشلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، ئىناق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. «ئۈچ خىل كۈچ» يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەتئىي ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا بىر يۈرۈش مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى بېكىتتى. كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن - ئاخىر باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆتتە ئۈلگە»لەردىن بولىمەن: بىرىنچى، سىياسىيدا قەتئىي بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باشتىن - ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىش، سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كادىر بولىمەن؛ ئىككىنچى، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ماڭا بەرگەن ھەممىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ھايات - ماماتلىق پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن؛ ئۈچىنچى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە ئۈلگە بولۇپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. بىز ھەربىر پارتىيەلىك كادىر تېخىمۇ پائال ھالدا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى