تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا...

  تىيانشان تورى خەۋىرى:

  1.ئوقۇش يېشىغا توشمىغان مەزگىل(0-6 ياش) بالىلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى يېتىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسراش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك؛ بالىلاردا دوسكىنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، كۆزىنى چىمچىقلىتىش، قوشۇمىسىنى تۈرۈش، بېشىنى قىڭغىر قىلىپ قاراش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك.

  2.ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە چەك قويۇش كېرەك، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلمىغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش يەككە ۋاقتى 15 مىنۇتتىن، ھەر كۈندىكى ئومۇمىي ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  3.ياخشى بولغان ئوقۇش، يېزىش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك، «ئۈچ بىر» دىن ئىبارەت توغرا ھالەت (كۆز بىلەن كىتاب ئارىلىقى بىر چى، كۆكرەك بىلەن ئۈستەل قىرى ئارىلىقى بىر مۇشتۇم، قەلەم تۇتقان بارماق بىلەن قەلەم ئۇچى ئارىلىقى بىر سۇڭ بولۇش)نى ساقلاش كېرەك.

  4.كەچتە ئۆگىنىش قىلغاندا ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرغاندا ھۇجرىدىكى ئاساسىي يورۇتۇش چىرىغى(مەسىلەن تورۇستىكى چىراغ)نى ياندۇرۇش كېرەك، ئۈستەل چىرىغىنىڭ قاپقىقى بولۇشى، ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرى خەت يازىدىغان قولنىڭ ئۇدۇلىدىن چۈشىدىغان بولۇشى كېرەك.

  5.ئۆگىنىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئۈستەل-ئورۇندۇقلارغا ئېگىزلىتىپ-پەسلەتكىلى بولىدىغانلىرىنى ئىشلىتىش، ھېچبولمىغاندا، ھەر يېرىم يىلدا بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى