خەلق تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ قابا ناھىيەسىدىكى ئاقچى سۇلۇق يېرى باش باھار مەۋسۇمىدىكى 1-تۈركۈم «مېھمان»لارنى كۈتۈۋالدى. بۇ مېھمانلارنىڭ ئارسىدا پۈتۈن بەدىنى ئاپئاق ئاق قۇ، بەدىنى قاۋۇل ئۇقار يەنە تېخى سۇ يۈزىگە شولىسىنى چۈشۈرۈشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆك غازمۇ بار.
قابا دەرياسى يەنە تېخىمۇ كۆپ پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. مەسىلەن، سېرىق پۇت ئاق چايكا، ئادەتتىكى چۆمگەك چۆل ئۆردىكى، قىزىل باش چۆمگەك ئۆردەك، يېشىل قاناتلىق سۇقسۇر، يىڭنە قۇيرۇق ئۆردەك، يېشىل باشلىق ئۆردەك، ھاڭگىت قاتارلىق قۇشلار بۇ جايغا يېتىپ كېلىدۇ. ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە، نەچچە مىڭ پەسىل قۇشلىرى يىراق جايلاردىن قاباغا ئۇچۇپ كېلىپ، بۇ جايدىكى سۇلۇق يەردە يېمەكلىك تولۇقلايدۇ.
(ما باۋساڭ فوتوسى)