770 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ھەشقىپىچەك شەكلىدىكى لەگلەك
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دەي شياۋيې، ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىل ھامۇت): «بۇ يەردىكى مەيىن شامال، ئىللىق ئاپتاپ، كەڭ جاھان، ئۆزگىچە مەنزىرە لەگلەك ئۇچۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن». 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، تۇرپاندىكى لەگلەك ئۇچۇرغان دەقىقىلىرىنى ئەسلىگەن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېيفاڭ شەھىرىدىن كەلگەن سۈي يۇڭلى ناھايىتى مەمنۇن بولدى. بۇ يىل چىڭىمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە ئۇ تەكلىپ بىلەن تۇرپانغا كېلىپ، ئۇزۇنلۇقى 770 مېتىر كېلىدىغان ھەشقىپىچەك شەكلىدىكى لەگلەكنى ئۇچۇردى، لەگلەك بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، يالقۇنتاغدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
4-ئاينىڭ 5-كۈنى، تۇرپان يالقۇنتاغ دۆلەت گېئولوگىيەلىك باغچىسىدا، رەڭگارەڭ لەگلەكلەر بوشلۇقتا لەپىلدەپ ئۇچتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغىنى يالقۇنتاغ ئاسمىنىدىكى ھەر بىرىگە بىر مېتىردىن ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ تىزىلغان ھەشقىپىچەك شەكلىدىكى لەگلەك بولۇپ، كۆزلەرنى باشقىچە قاماشتۇردى.
ئەجدىھا باشلىق مىڭئاياغ شەكلىدىكى لەگلەك
لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتقىنى دەل سۈي يۇڭلى بولۇپ، بۇ يىل 56 ياشلىق سۈي يۇڭلىنىڭ لەگلەك تەتقىق قىلىپ، ياساۋاتقىنىغا 22 يىل بولدى، ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى داڭلىق لەگلەك مۇتەخەسسىسى. بۇ قېتىم، ئۇ ئىككى ھەمراھى بىلەن بىللە تەكلىپ بىلەن 15 لەگلەكنى ئېلىپ تۇرپانغا كېلىپ شۇ جاينىڭ «شەرق شامىلى لەگلەك ئۇچۇرۇش » پائالىيىتىگە قاتناشتى.
770 مېتىرلىق ھەشقىپىچەك شەكلىدىكى لەگلەكتىن باشقا، شۇ كۈنى يەنە ئەنئەنىۋى ئەجدىھا باشلىق مىڭئاياغ شەكلىدىكى لەگلەك، قوش ئەجدىھا شەكلىدىكى لەگلەك، شۇنداقلا 60 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇمشاق تەنلىك چوڭ يىلان شەكلىدىكى لەگلەك قاتارلىقلار ئۇچۇرۇلدى.
60 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۇمشاق تەنلىك چوڭ يىلان شەكلىدىكى لەگلەك