ئاقسۇ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سىدىق مىجىت): 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق بازىرى ئاتبېشى دۆڭ كەنتى باۋلىن بېيىش باغ-ئورمانچىلىق تېخنىكىسى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 3-ئايلىق مائاشىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. كەنت ئاھالىسى ئەينىسەم ھوشۇر 2000يۈەن مائاشىنى قولىغا ئېلىپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىسە نېمىدىگەن ياخشى، ھەم پۇل تاپالايدىكەنمەن ھەم ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىكەنمەن.»
ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەينىسەم ھوشۇرغا ئوخشاش يەنە 62 نەپەر كەنت ئاھالىسى ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات كەنت ئاھالىسىدىن 38ى بار. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى قەھرىمان قېيۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، بۇ يىل 3-ئايدا ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق نامرات كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن سىرت، يەنە نامرات كەنت ئاھالىلىرىنى كوپىراتىپقا كىرگۈزۈپ، پايدا تەقسىماتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ھەر يىلى %12لىك نىسبەت بويىچە نامرات كەنت ئاھالىلىرىگە پايدا تەقسىملەپ بېرىلىپ، نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغان.