تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان، پىچان ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئوق پويىزدىن 68ى كۆپەيتىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ۋاڭ يەنخۇڭ): 4- ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان، پىچان ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولدى، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن ئاي ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان، پىچان ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئوق پويىزدىن 68نى كۆپەيتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يۆنىلىشتە، ئوق پويىزدىن 34ى كۆپەيتىلىدىكەن، قاتناش ۋاقتى 4- ئاينىڭ 10- ، 11-، 12-، 13- ، 14- ، 17- ، 18- ، 19- ، 20- ، 21- ، 23- ، 24- ، 25- ، 26- ، 27- ، 28- ، 29- كۈنلىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ قاتنايدىغان D8836 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سائەت 16دىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، سائەت 17دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن. تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچىگە يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ قاتنايدىغان D8835 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدىن سائەت 18دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، سائەت 19دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن. نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىدا توختايدىكەن.

  ئۈرۈمچى بىلەن پىچان شىمالىي ۋوگزالى ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ئوق پويىزدىن 34ى كۆپەيتىلىدىكەن. قاتناش ۋاقتى 4- ئاينىڭ 10- ، 11-، 12-، 13- ، 14- ، 17- ، 18- ، 19- ، 20- ، 21- ، 23- ، 24- ، 25- ، 26- ، 27- ، 28- ، 29- كۈنلىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن پىچان شىمالىي ۋوگزالىغا يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ قاتنايدىغان D8844 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سائەت 10دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، سائەت 12دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە پىچان شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن. پىچان شىمالىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچىگە يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ قاتنايدىغان D8843 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز، پىچان شىمالىي ۋوگزالىدىن سائەت 13تىن 09 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، سائەت 14تىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىكەن. نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى ۋە پىچان شىمالىي ۋوگزالىدا توختايدىكەن.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى