4-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى تاۋچېڭ رايونى شىنيى باش كىيىم كەسپى قولدا توقۇلغان مەھسۇلاتلار بازىسىدىكى ئىشچىلار قول توقۇمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇلتۇردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى تاۋچېڭ رايونى يەرلىكنىڭ خاس قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىغا تايىنىپ، يەرلىكتىكى نامرات ئائىلىلەرنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ئويۇنچۇق، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى قولدا ياساشقا تەشكىللىدى، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلاتلارنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا سېتىپ، ھازىرغىچە، شۇ جايدىكى 2000 دىن ئارتۇق نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.
4-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي شەھىرى تاۋچېڭ رايونى شىنيى باش كىيىم كەسپى قولدا توقۇلغان مەھسۇلاتلار بازىسىنىڭ مەسئۇلى (ئوڭدا) خېرىدارغا قولدا ئىشلەنگەن بۇيۇمنى تاللاپ بەرمەكتە.