تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

4-ئايدا مەنزىرە رايونلىرى بېلەت باھاسىدا ئېتىبار قىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى، ئىختيارىي مۇخبىر ياڭ يى، ياڭ زۈنكەي، دۇ شۆمېي، جى خۇڭفۇ، رې چا، لاۋ شىنجياڭ): چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئېتىبارلىرى ۋە پائالىيەتلىرى تېخى ئاخىرلاشمىدى. 4- ئاينىڭ 8- كۈنى، مۇخبىرنىڭ سانجى ئوبلاستلىق ساياھەت بىرلەشمە كېڭەيتىش مەركىزى، تۇرپان تۇڭيى ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت ئورۇنلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى ۋە مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 4- ئاي پۈتۈن بىر ئايدا، كۆپلىگەن مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرى ئېتىبار ۋە ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويغان.

  ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى: كىرىش بېلىتى باھاسىدا %50 ئېتىبار قىلىنىدۇ

  ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ماۋ خۇڭجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ، كىرىش بېلىتى 30 يۈەن ھەر ئادەم، رايون ئارىلىقى ئاپتوموبىلى باھاسى 28 يۈەن ھەر ئادەم.»

     مياۋئېرگۇ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسى، غەربىي تېرەكساي مەنزىرە رايونى: كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ، ساياھەتچىلەر مۇز شارقىراتمىنى تاماشا قىلالايدۇ

  مياۋئېرگۇ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسى، غەربىي تېرەكساي مەنزىرە رايونىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ كېلەي مۇنداق دېدى: «4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، مياۋئېرگۇ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسى ۋە غەربىي تېرەكساي مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ، ياز پەسلىدە مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى 45 يۈەن ھەر ئادەم، 4- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن، مياۋئېرگۇ مەدەنىيەت ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى 15 يۈەن ھەر ئادەم، غەربىي تېرەكساي مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى 20 يۈەن ھەر ئادەم، كۆپچىلىكنىڭ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، مۇز شارقىراتمىنى تاماشا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.»

  تۇرپان: سېتىۋالسا سوۋغا قىلىش ھەمدە باھاسىنى چۈشۈرۈش ئېتىبارلىرى

  تۇرپان تۇڭيى ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن، تۇرپان 14 مەنزىرە رايونى لىنىيەسىنىڭ كىرىش بېلىتىدە بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوۋغا قىلىش ياكى تۆت نادىر مەنزىرە رايونى(يارغول قەدىمىي شەھىرى+ بۇيلۇق+ كارىز+ يالقۇنتاغ)نىڭ كىرىش بېلىتىدە %10 ئېتىبار قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، ساياھەتچىلەر 160 يۈەنلىك بېلەت بىلەن يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، مىڭ ئۆي، ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى، تەيزاڭ مۇنارىدىن ئىبارەت ئالتە تارىخىي مەدەنىيەت نادىر مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىشنى تاللىسىمۇ، 105 يۈەنلىك بېلەت بىلەن يارغول مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، بۇ مەنزىرە رايونى يارغول قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يارغول رايونى ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل بېلىتى سوۋغا قىلىنىدۇ.

  ۋۇجياڭ ئارىشاڭ شەھەرچىسى: كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار قىلىنىدۇ

  سانجى ئوبلاستلىق ساياھەت بىرلەشمە كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2019-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ۋۇجياڭ ئارىشىڭىنىڭ كىرىش بېلىتىدە %3.8كىچە ئېتىبار قىلىنىدۇ، ئەسلىي باھاسى 198 يۈەن ھەر ئادەم، ھازىرقى باھاسى 129 يۈەن ھەر ئادەم(تاللا تاماقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تاللا تاماقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان كىرىش بېلىتى 69 يۈەن ھەر ئادەم. ساياھەتچىلەر ئارىشاڭغا چىلانسىمۇ، ئۆي ئىچى سۇ باغچىسىدا تاماشا قىلسىمۇ، ئارىشاڭ شەھەرچىمىز تۈجۈپىلەپ تەييارلىغان نازۇنېمەتلەردىن ھۇزۇرلانسىمۇ بولىدۇ.

  نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى: بېلەت باھاسىدا ئېتىبار قىلىنىدۇ، ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلالايدۇ

  نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى چې خۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بولغان ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر نارات شىڭخۇاگۇنىڭ ئىشىك بېلىتى ئارقىلىق <10 يۈەنلىق بېلەت بىلەن نارات مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش> پائالىيىتى(كىرىش بېلىتىنىڭ ئەسلىي باھاسى 75 يۈەن)دىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، مەنزىرە رايونىمىز ھازىر رايون ئارا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل پۈتۈن مەنزىرە رايونى يۈرۈشلۈك بېلىتىنى يولغا قويدى: ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى-بوشلۇقتىكى يايلاق-قار لەيلىسى جىلغىسى- خېگۇ يايلىقى- ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى لىنىيەسىنىڭ ئىككى كۈنلۈك بېلىتى 120 يۈەن ھەر ئادەم. 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان نارات ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر 30 مىڭ مولۇق ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە «بوشلۇقتىكى يايلاق»تىكى ياۋا گۈلسامساقتىنمۇ ھۇزۇر ئالالايدۇ.»

  سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى: كىرىش بېلىتى باھاسىدا ئېتىبار قىلىنىدۇ

  سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېىتى پارتىيە-ئامما خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جى خۇڭفۇ مۇنداق دېدى: «4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتىدە ھەر ئادەمگە 35 يۈەن ئېلىشتەك ئېتىبار بېلەت باھاسى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.»

  جى خۇڭفۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر سايرام كۆلىدىكى قار-مۇزلار ئەمدى ئېرىشقا باشلىدى، بۇ دەل مۇزلار سۇ بىلەن ئاقىدىغان پەسىل بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، كۆل بويىدىكى ئوتلاقتا قارلار ئاساسىي جەھەتتىن ئېرىپ بولدى، يەنە ئازراق قالدۇقى قالدى، زەپەر، يەنى يەرلىكتىكى كىشىلەر تىلىدىكى ياۋا گۈلسامساقلار چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كەتتى.»

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى