«خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بىزگە ياردەملىشىپ بۇ يىل ھويلا ئىچىگە تېرىيدىغان ئىقتىسادىي زىرائەتنى پىلانلاپ بەرگىنىگە رەھمەت، بىزنىڭ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە كىرىمىمىزنىڭ ئېشىشىغىمۇ ياردەم بەردى.» دېدى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ئاقچى دېھقانچىلىق مەيدانى دېھقانچىلىق 2-ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى جىن جۇڭچۈن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋېڭ جيەنپىڭ ئېلىپ كەلگەن جېنزى كۆچىتىنى قولىغا ئېلىپ، خۇشال ھالدا.
شۇ كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كادىرلار جېنزى كۆچىتىنى تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاممىغا كۆچەت تىكىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈردى.
خىزمەتچى شى چىڭكې ئىلگىرى ھويلىسىغا مېۋىلىك دەرەخ تىككەن بولۇپ، پەرۋىش قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، مېۋېلىك دەرەخنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولماي، مەھسۇلات مىقدارىمۇ تۆۋەن بولغانىدى. ئۇ كۆچەتنى ئېلىپ، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى بىزنىڭ ئۆيگە 20 نەچچە تۈپ جېنزى كۆچىتى تارقىتىپ بەردى، يەنە بىزگە پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. مەن بۇ كۆچەتلەرنى ياخشى تىكىپ، ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ھويلا-ئاران ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىيمەن.
«دېھقانچىلىق 2-ئەترىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھويلىسى ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر چوڭ، ئەمما تولۇق پايدىلىنىلمىغان بولۇپ، بىكار يەر كۆپ ئىدى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ئاكتىپلىق بىلەن جىلىن ئۆلكىسى شۇلەن شەھىرى تيەنئېن جېنزى ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، 1000 تۈپتىن ئارتۇق جېنزى كۆچىتىنى سېتىۋېلىپ، ئاممىغا تارقىتىپ بەردى، ئاممىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتتى. بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت ئەترىتى ئاممىنى مېۋىلىك دەرەخنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، مېۋىلىك دەرەخنى ئىلمىي تىكىش ۋە ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ۋېڭ جىيەنپىن. (بورتالا ئوبلاستلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنىتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ليۇ يەن، چېڭ يۈ تەمىنلىگەن)