تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى پۈتۈن تاراتقۇ چوڭ تىپتىكى ئەسەر توپلاش پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھى> چەكلىك شىركىتى) «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» تېمىسىدىكى پۈتۈن تاراتقۇ چوڭ تىپتىكى ئەسەر توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىن ئەسەر توپلايدۇ.

  بىرىنچى، پائالىيەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى

  «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە چۆرىدىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك روھىي قىياپىتى نامايان قىلىنىپ، ئاساسىي مېلودىيە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، ئەسەر توپلاش ۋاقتى

  ئەسەر توپلاش پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن تارتىپ 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە.

  ئۈچىنچى، ئەسەر توپلاش تەلەپلىرى

  توپلىنىدىغان ئەسەرلەر يازما ئەسەر، فوتو سۈرەت، قىسقا سىن قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

  1. يازما ئەسەر: ئىجادىي ئەسەر بولۇشى، نەسر، شېئىر، خاتىرە، زاۋېنلارنىڭ خەت سانى 2000دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. توپلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىدا «شەخس» بىلەن «دۆلەت»نىڭ مۇناسىۋىتى كۆزىتىش نۇقتىسى قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەت قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر جانلىق نامايان قىلىنىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش يولىدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتەك روھىي قىياپىتى جانلىق نامايان قىلىنىشى كېرەك؛ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق دەۋر ئۆزگىرىشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، 70 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى نامايان قىلىنىشى كېرەك؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساپ مۇھەببىتى ئىپادىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇلۇشى كېرەك.

  2. فوتو سۈرەت: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە ئىجاد قىلىنغان، ئەمما ئېلان قىلىنمىغان خاتىرە تۈرىدىكى فوتو سۈرەت بولۇشى، 70 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى نامايان قىلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

  (1) فوتو سۈرەتنىڭ فورماتى JPG بولۇشى، چوڭ - كىچىكلىكى 2Mدىن كىچىك بولماسلىقى، توغرىسىغا تارتىلغان سۈرەت ئۆلچىمى ئاز بولغاندا 1530×1800 پىكسېل، تىك تارتىلغان سۈرەت ئۆلچىمى ئاز بولغاندا 1800×1530 پىكسېل بولۇشى كېرەك؛ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، سۈرەت مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، بىرىكتۈرۈلگەن سۈرەت قوبۇل قىلىنمايدۇ.

  (2) فوتو سۈرەتنىڭ رەڭلىك ياكى رەڭسىز بولۇشىغا چەك قويۇلمايدۇ، تاق سۈرەت بولسىمۇ، بىر گۇرۇپپا سۈرەت (8 ـــ 4 پارچە) بولسىمۇ بولىدۇ، ھەربىر گۇرۇپپا سۈرەت بىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر پارچە ئەسەرنىڭ يازما چۈشەندۈرۈشى بولۇشى، سۈرەت تارتىش ئارقا كۆرۈنۈشى، شەخسلەرنىڭ ھېكايىسى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى، ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

  3. قىسقا سىن: ھەر مىللەتتىن بولغان ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ۋەتەنگە بەخت تىلىگەن قىسقا سىنلىرى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە قوبۇل قىلىنىدۇ، كۆرۈنۈشتە ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە تاللىنىشى، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئىزھار قىلىنغان بىر جۈملە يۈرەك سۆز بولۇشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياكى شىنجاڭغا خاس كۆرۈنۈشلەر ماسلاشتۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.

  (1) سۈرەتكە ئالغاندا 1080p (يەنى 1080×1920 پىكسېل)نى تاللاپ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، كۆرۈنۈشنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى 16:9 بولۇشى كېرەك. ئەگەر يان تېلېفوندا سۈرەتكە ئېلىنغان بولسا، توغرىسىغا تارتىلغان بولۇشى كېرەك. سىننىڭ فورماتى چەكلەنمەيدۇ، mov,avi,mp4,mpg بولسا بولىدۇ؛ كۆرۈنۈش چىرايلىق، ئاۋاز سۈزۈك، ئېنىق بولۇشى، ۋاقتى بىر مىنۇت ئىچىدە قاتتىق كونترول قىلىنىشى كېرەك.

  (2) ئەگەر كوللېكتىپ ئەسەر بولسا، سۈرەتكە ئالغاندا مەيدان كۆرۈنۈشىنى تاللاشقا دىققەت قىلىش (ئۆز ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلالايدىغان بولۇش)، چىراغ نۇرى يېتەرلىك بولۇش، كۆرۈنۈش سۈزۈك، ئېنىق، مۇقىم بولۇش؛ قاتناشقان خادىملارنىڭ كىيىم - كېچىكى رەتلىك، رەڭدار بولۇشى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئەسەر توپلاش شەكلى

  1. يازما، فوتو سۈرەت تۈرىدىكى ئەسەرلەر: يازما ئەسەرلەر word ھۆججىتى شەكلىدە، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى JPG ھۆججەت فورماتىدا ئېلخەت ساندۇقى(xjbycmjt@126.com)غا يوللانسا بولىدۇ، خەت - چەك شەكلىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

  2. فوتو سۈرەت، قىسقا سىن تۈرىدىكى ئەسەرلەر: ئەسەر مۇناسىپ فورماتتا ئېلخەت ساندۇقىغا يوللىنىشى، يەنە ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى، سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقتى، ئورنى ھەم ئىجادىيەت چۈشەندۈرمىسى word ھۆججىتى شەكلىدە قوشۇپ ئەۋەتىلىشى كېرەك.

  3. بارلىق ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىسىم - فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى، ئېلخەت ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى ۋە كىملىك نومۇرى يېزىقچە ئەسكەرتىلىشى كېرەك. شەخسىي ئۇچۇرنى تولۇق يازماي ئالاقىلىشىشكە تەسىر يەتكۈزگەنلەر تاللىنىش سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن، دەپ قارىلىدۇ.

  بەشىنچى، ئەسەرلەرنى كۆرسىتىش

  1. شىنجاڭ گېزىتخانىسى قارىمىقىدىكى تىيانشان تورى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مىكروبىلوگ، ئۈندىدار، تور بېكىتى قاتارلىق پۈتۈن سۇپىلاردا مەخسۇس ئىستون ئېچىلىپ، توپلانغان ئەسەرلەر ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدۇ.

  2. «شىنجاڭ گېزىتى»دە «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» مەخسۇس ئىستونى ئېچىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر قەرەللىك ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئالتىنچى، ئەسەرلەرنى باھالاش

  مۇتەخەسسىسلەردىن باھالاش ھەيئىتى تەشكىللىنىپ، 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر باھالاپ چىقىلىدۇ.

  يەتتىنچى، ئەسەر توپلاش ھەققىدە ئىزاھات

  1. بارلىق ئەسەرلەر ئىجادىي ئەسەر بولۇشى، ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۆز ئەسىرىگە قارىتا مۇستەقىل، تولۇق ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك، ئۈچىنچى كىشىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام - شۆھرەت ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئەسەرلەرگە ئالاقىدار ھەرقانداق قانۇن ماجىراسى يۈزبەرسە، ئەسەر ئەۋەتكۈچى زىممىسىگە ئالىدۇ.

  2. ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بۇ قېتىمقى ئەسەر توپلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارد