تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايون قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 10- كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم» خىزمىتى خۇلاسىلەندى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇلتۇر 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، قەشقەردىكى ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەربىيەلىنىشىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، «قايتا قاراپ چىقىش»نى چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خىزمەت ئۇلىنى پۇختىلاپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يىللىق خىزمەتنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۈزىتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش ئىرادىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، خىزمەت ئىرادىسىنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش» «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش» ۋە «توققۇز ئېنىق بولۇش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەسىلە - بىر مەسىلىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، بىر تۈگۈن - بىر تۈگۈندىن ئالغا سىلجىتىشنى تۇتۇپ، دىققەت نۇقتىسىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى، نىشان مەركىزىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، ناھىيە - شەھەر ئاساسلىق مەسئۇل بولۇش، ۋىلايەت ئۆتكەلنى ئىگىلەش، ئاپتونوم رايون تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، يەر بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، «قىشلىق ھۇجۇم» تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن يىللىق «سىجىل ھۇجۇم»غا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئەھلى ۋە لاياقەتلىك كەسىپ ئىشچىسىنى كۈچەپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش مېخانىزمى، قەرەللىك «قايتا قاراپ چىقىپ» چۈشۈپ قالغاننى تەكشۈرۈش - كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش مېخانىزمى، نامراتلارنى يۆلەش چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىش ۋە نازارەتچىلىكتە خىرە نۇقتا قالدۇرماسلىق كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. ناھىيەلىك، شەھەرلىك پارتكوملار ئايلىق ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى كېرەك. 16 مەخسۇس گۇرۇپپا ھەم ئەزا ئورۇنلار خىزمەت كۈچىنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلۈك سەپلەپ، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، يېتەكلەش، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى كۆڭلىنى توختىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى