4-ئاينىڭ 3-كۈنى، چىخۇدى كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى كۆچەت تىكمەكتە.
تارباغاتاي گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى ما چىن، سۇڭ تىڭ): شۇ كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرى جۇجەنلۇ يېزىسىنىڭ ئورگان كادىرلىرى، ھەرقايسى كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئەزالىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرى قاتارلىقلار جۇجەنلۇ يېزىسىنىڭ چىخۇدى كەنتىدە ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شۇنداقلا شىخو شەھىرىنىڭ ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇجەنلۇ يېزىسى بۇ يىل 960 مو يەرگە كۆچەت تىكىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئاساسلىقى جىگدە دەرىخى، ئالتۇن قارىياغاچ، ئاق تېرەك قاتارلىقلارنى تېرىيدىكەن. كۆچەت تىكىش خىزمىتى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.