تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش تۈرىگە ئۇل سېلىندى

جەمئىي 9 مىليارد 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، جۇڭگو نېفىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قېتىمدىلا مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان نېفىت ئايرىش تۈرى بولۇپ قالدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش تۈرى − جۇڭگو نېفىتى تارىم ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش تۈرىگە كورلا شاڭكۇ يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى نېفىت، نېفىت - خىمىيە كەسىپلەر باغچىسىدا ئۇل سېلىندى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېتىلېننى باشلامچى ۋە يېتەكچى قىلغان كەسىپ توپى شەكىللىنىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

  «بۇ تۈر تارىم نېفىتلىكىنىڭ مول تەبىئىي گاز بايلىقى ۋە جۇڭگو نېفىتىنىڭ خاس مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يۈرۈشلەشكەن ئېتىلېن ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكىسى قۇرۇلۇشىغا تايانغان دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ساپ ئېتان ماتېرىيالى كىرگۈزۈپ ئېتىلېن ئىشلەش قۇرۇلمىسىنىڭ بىرى، تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم زور قۇرۇلۇش.» تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شۈ ۋېنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تۈردە مەۋقە ئەسلىدە بار بولغان بايلىق مەنبەسىگە قويۇلغان، بايلىقنىڭ يۇقىرى قوشۇلما قىممىتىدىن ئۇنۋېرسال پايدىلىنىش ۋە ئېتىلېن سانائىتى ساھەسىدە چەت ئەل تېخنىكىسىغا تايىنىۋېلىشنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشتەك قوش ئۈلگە كۆرسىتىش رولىغا ئىگە».

  ئىگىلىنىشىچە، تارىم ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش تۈرىگە جەمئىي 9 مىليارد 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، جۇڭگو نېفىتى ھازىرغا قەدەر جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر قېتىمدىلا سالغان مەبلەغ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان نېفىت ئايرىش تۈرى ئىكەن، قۇرۇلۇش مەزمۇنى ئاساسلىقى يىلىغا 600 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى، يىلىغا 300 مىڭ توننا تولۇق قويۇقلۇقتىكى پولىستىرېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى، يىلىغا 300 مىڭ توننا يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى پولىستىرېن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ھەمدە يۈرۈشلەشكەن ئومۇم پايدىلىنىدىغان قۇرۇلۇش، قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى ۋە زاۋۇت سىرتىدىكى قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ تۈردە 6- ئاينىڭ 1- كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىپ، 2021- يىلى 6- ئايدا پۈتتۈرۈلۈش پىلانلانغان، يىلىغا 1 مىليارد 29 مىليون يۈەن پايدا يارىتىش مۆلچەرلەنگەن.

  تەبىئىي گاز مىقدارى دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان تارىم نېفىتلىكى 2020- يىلى مەھسۇلات مىقدارىنى 31 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتكەن تارىم نېفىتلىكى گازنى قويۇقلاشتۇرۇپ ئاجرىتىپ چىقىرىش، يېنىك گىدروكاربوننى چوڭقۇر قايتۇرۇۋېلىش قۇرۇلۇشىدا، يىلدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تەبىئىي گاز كۆلىمى 10 مىليارد كۇب مېتىر بولۇپ، ھەر يىلى بۇنىڭدىن 762 مىڭ توننا ئېتان ئايرىۋېلىنىپ، ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش تۈرى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز، نافتا، كۆمۈردىن ئېتىلېن ئىشلەش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش ئېتىلېن يىغىۋېلىش نىسبىتى يۇقىرى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن، تەرتىپى قىسقا، تەننەرخى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەن. «بۇ تۈر تۆۋەن قوشۇلما قىممەتلىك تەبىئىي گازنى يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك پولىستىرېنغا ئايلاندۇرۇپ، قوشۇلما قىممەتنى سەككىز ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.» شۈ ۋېنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچى بازىرىدا پولىستىرېن مەھسۇلاتى ئۇزاق مۇددەت تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي كەلدى، بولۇپمۇ PE تۇرۇبا ماتېرىيالى، سىم تارتىش قاتارلىق يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى پولىستىرېن مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى نىسبەتەن تېز، باھاسى ئۇزاق مۇددەت نىسبەتەن يۇقىرى ئورۇننى ساقلاپ كېلىۋاتقان، پايدا يارىتىش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان نېفىت ئايرىش تۈرلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو تەبىئىي گازىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۈلگە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تارىم نېفىتلىكىنىڭ 30 مىليون توننىلىق زامانىۋىلاشقان چوڭ نېفىتلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش نۇقتىسى يېتىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ۋە قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نېفىت، نېفىت - خىمىيە كەسپىنى زورايتىشى، كۈچەيتىشىگە ئاساس سېلىپ، كورلا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك شەھەرچىسى قۇرۇلۇشى بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى