4-ئاينىڭ 9-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن كارخانا خىزمەتچىلىرى X814 لىنىيەسىدىكى يۇۋفاڭ جۇاڭزى كەنتى يول بۆلىكىدە كۆچەت تىكىش ئۈچۈن ئورەك كولىماقتا.
تارباغاتاي گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لوڭتاڭ، زىڭ جاۋمېي): شۇ كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى ھەرقايسى كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى، بازار رايونلاردىكى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشىنى تەشكىللەپ ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇردى. چوڭ تىپتىكى ماشىنا بىلەن يەر يېپىنچىسى قاتلىمىنى تۈزلەش، كۆچەتكە ئورەك كولاش، سۇغىرىش تۇرۇبىلىرىنى كۆمۈش،كۆچەت تىكىشتەك بىر قاتار بېسىقچىلىق مەنزىرىسى شەكىللەندى.
ئىگىلىنىشىچە، سىداۋخېزى بازىرى بۇ يىل 1800 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئېغىر قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرالايدىغان، تۇزغا چىداملىق ئۇزۇن شاخلىق قارىياغاچ، تېرەك ۋە ئالما دەرىخى كۆچىتىنى تىكىدىكەن. ھازىر 800 مو يەرگە كۆچەت تىكىپ بولغان.