(ماتېرىيال سۈرەت)
مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چېن چۈنيەن خەۋىرى: مۇخبىرلىرىمىزنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدىكەن، ئۈرۈمچىدە ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاساسەن ℃17 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
4-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدە، ئۈرۈمچى بۇ يىلغا تەۋە تۇنجى باھار يامغۇرىنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولدى.
4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا شەرقىي جەنۇب بورىنى چىقىپ، شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ تېمپېراتۇرىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. ئاۋۋالقى بىر نەچچە كۈندە ئۈرۈمچىدە كېچىدىكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ℃5 ئەتراپىدا بولغانىدى، ئەمما، 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى شەرقىي جەنۇب بورىنى بىلەن تەڭ كېچىدە تېمپېراتۇرا ℃11 بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ئۈرۈمچىدە ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃17 ئەتراپىدا بولىدۇ. يەكشەنبە كۈنى ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ.