تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

گۈزەل يۇلتۇزلۇق ئاسمان داۋانچىڭنىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاسترونومىيە، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى گاۋيازى رەسەتخانىسىدا كېچە ئاسمىنىنى كۆزەتمەكتە.

ئۆمەرجان ئوبۇلقاسىم فوتوسى

  شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى: چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ھاۋا ئىنتايىن ياخشى بولدى، كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار كۆز قىسىشىپ جىمىرلىشىپ، نۇرغۇن ئاسترونومىيە ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونى ئاقسۇ يېزىسىنىڭ گاۋيازى چارۋىچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆزىتىشكە، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.

  داۋانچىڭ رايونى ئاقسۇ يېزىسىدىكى گاۋيازى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1800 مېتىر ئەتراپىدا. 2018-يىلى 8-ئاي، گاۋيازى رەسەتخانىسى داۋانچىڭ رايونىغا قۇرۇلدى. نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئىلغار ئاسترونومىيە ئۈسكۈنىلىرى بۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تەڭشەپ سىناق قىلىندى ھەمدە ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاسترونومىيە خىزمەتچىلىرى، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن كېچە ئاسمىنىدىكى پارلاق يۇلتۇزلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ياراتتى.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى