مۇخبىرىمىز يۈ يىچاڭ خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەرقىي جەنۇب بورىنى يەنە چىقتى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا بوران تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى كېچىدە دېرىزە سىرتىدا گۈركىرگەن بوران ئاۋازىنى ئاڭلىدى، سەھەردە سىرتقا چىققاندا، كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ چاچلىرى بوراندا ئۇچۇپ قالايمىقانلىشىپ كەتتى. 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم كوچىلاردا، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ قاتناش قورالىنىڭ بوراندا ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، تازلىق ئىشچىلىرىنىڭ بەزى مەھەللىلەردە بوراندا چۈشۈپ كەتكەن دەرەخ شاخلىرى قاتارلىقلارنى، ھەرخىل ئەخلەتلەرنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى.
4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تازىلىق ئىشچىلىرى شىنجاڭ داشۆسىدە قىشتا چۈشۈپ كەتكەن خازان ۋە بوراندا سۇنۇپ كەتكەن شاخلارنى ئېلىپ، بورانغا قارشى مېڭىپ ئەخلەت توشۇش ماشىنىسىغا ئېلىپ ماڭماقتا.
4-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىر قىز ئوقۇغۇچى شىنجاڭ داشۆسىدا بورانغا قارشى يۆنىلىشتە ماڭماقتا.
4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تازىلىق ئىشچىلىرى شىنجاڭ داشۆسىدە قىشتا چۈشۈپ كەتكەن خازان ۋە بوراندا سۇنۇپ كەتكەن شاخلارنى تازىلىماقتا.
4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تازىلىق ئىشچىسى شىنجاڭ داشۆسىدە بوراندا سۇنۇپ كەتكەن شاخلارنى تازىلىماقتا.
4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولىدا بوراندا مېڭىۋاتقان شەھەر ئاھاللىرى.
4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي ئارقا كوچىسىدا، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بوراندا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قاتناش قوراللىرى.