تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

2019-يىلى ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونىدا 2000 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز رېن چۇنشياڭ خەۋىرى: ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى 2019-يىلى يېڭىدىن ئاز دېگەندە 2000 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە 4 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن 1000 ئاپتوموبىل ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.

  4-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىمىگۇ رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى شىمىگۇ رايونى يېڭىدىن ئاز دېگەندە 2000 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللىك ئېنىقلاپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن، 6 نۇقتا تاللانغان، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن 1500 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. نۆۋەتتە، نەنخۇ تەۋەلىك رايونى، ۋېيخۇلياڭ تەۋەلىك رايونى، شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتى ئەتراپىدىكى تەۋەلىك رايون ھەمدە باداۋەن تەۋەلىك رايونىدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 4 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان بولۇپ، بۇلار ئارقىلىق ئاز دېگەندىمۇ 1000 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەمىنلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، باداۋەن تەۋەلىك رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى 150 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئاممىنىڭ ھەقسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قىلىش پىلانلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى شىمىگۇ رايونى ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتناشتۇرۇپ يېڭىدىن ئىككى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى قۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نەنخۇدىكى جيالېفۇنىڭ يېنىغا جايلاشقان لېفۇ شەھەر تۇرمۇشى مەيدانى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ بولغان، خۇاشياڭ 6-كوچىسىغا جايلاشقان يەنە بىر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى 2019-يىلى 5-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلانغان.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى